تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئونسۇ ناھىيەسى تەيلەن دەرياسى ئويمانلىق سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي شياۋئوۋ خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى تەيلەن دەرياسى ئويمانلىق سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  تەيلەن دەرياسى ئويمانلىق سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، دۆلەت سۇچىلىق ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلانى تۈرى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 2020-يىللىق زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرى ھېسابلىنىدۇ، تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 784.67 گېكتار بولۇپ، 1 مىليارد 355 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.

   تەيلەن دەرياسى سۇ ئامبىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، سۇغىرىش ۋە يەر ئاستى سۇ ئامبىرىنى تولۇقلاشنى ئاساس قىلغان سۇ باشلاش-كىرگۈزۈش شەكلىدىكى ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى، قۇرۇلۇش ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 55 مىليون 820 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، تەيلەن دەرياسى سۇغىرىش رايونىغا يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان 32 مىليون 40 مىڭ كۇب مېتىر، سانائەتكە تەمىنلىنىدىغان 5 مىليون 340 مىڭ كۇب مېتىر، يەر ئاستى سۇ ئامبىرىغا 26 مىليون 950 مىڭ كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يېتەرلىك سۇغىرىش، سانائەتتە سۇغىرىش ۋە يەر ئاستى سۇ ئامبىرىغا سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق، تەيلەن دەرياسى سۇغىرىش رايونىدىكى سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ھالىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ، سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغىرىش رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ