تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مول پائالىيەتلەر، ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى شىنجاڭ ئىچى ساياھىتىنى جانلاندۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، تونۇشتۇرۇش ۋە باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنى يولغا قويۇش... بۇ بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرلىرى چېكىلىپ، 10 - قېتىملىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»دىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئەڭ قىزىق تېما بولۇپ قالدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى جەمئىي 439 تۈردىكى يۈرۈشلۈك مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات، كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئىچى ساياھىتىنىڭ «باشلىنىپ كېتىشى»، «يۈرۈشۈپ كېتىشى» «قىزىپ كېتىشى» «جانلىنىپ كېتىشى»گە تۈرتكە بولدى.

«بىز ئەتراپتا ساياھەت قىلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم خاسلىقى روشەن، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرىنى قېزىپ يېتىشتۈردۇق؛ بىر تۈركۈم يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھلىرى ۋە سۈپەتلىك ماركىلىق پۇقراۋى قونالغۇلارنى تونۇشتۇردۇق؛ <ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش+ساياھەت قىلىش> <ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش+تەتقىقات - ئۆگىنىش> <ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش+سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - كۈتۈنۈش> <ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش+پۇقراۋى قونالغۇ> قاتارلىق چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يېتەكلەشنى تېزلەتتۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۈلى ئابلىم تونۇشتۇرۇپ.

ئىگىلىنىشىچە، «1 - ماي» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون 402 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.31 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 778 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %74.56كە ئەسلىگە كېلىپ، ئەسلىگە كېلىش جەريانى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت بازىرىنىڭ تېز جانلىنىشىنى ھەرقايسى جايلارنىڭ مول پائالىيەتلىرى ۋە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتى «ئالتاينى ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش» بويىچە ئون چوڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى، ساياھەت ئىستېمالىغا چېتىلىدىغان غىزالىنىش، قونالغۇ، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەرگە 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېتىبار بېرىش ۋە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى مۆلچەرلىدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئىككى قارارغا بۆلۈپ پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ 220 مىليون يۈەنلىك مەدەنىيەت ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىدۇ؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەت ئېلېكتىرونلۇق ئستېمال بېلىتى تارقىتىدۇ... نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئايروپىلان بېلىتى، ماي قاچىلاش، ئىشىك بېلىتى، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جەمئىي 500 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ، بازار ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى.

ھەرقايسى جايلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىدا ساياھەت بازىرىنىڭ ئۆزگىرىش تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئەتراپ ساياھىتى، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت، شىنجاڭ ئىچى ساياھىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 100دىن ئارتۇق ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويدى، «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»، «شۇ جايدىكى كىشىلەر شۇ جاينى ساياھەت قىلىش» ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يەنە گۈزەل يېزا - كەنت ئەتراپىدا ساياھەت قىلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، «جەنۇب - شىمال قەلبداش بولۇش. قول تۇتۇشۇپ بىللە سەپەر قىلىش» بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، شىنجاڭ ئىچى ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ