تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

روزىمەمەت توشقان باقمىچىلىقىدىن نەپكە ئېرىشتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جىنيۈەن خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىشىك ئالدىدا پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان توشقان كاتىكىغا قاراپ، خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسى بۇزاق كەنتىدىكى روزىمەمەت بەكرىنىڭ كۆزلىرىدە ئۈمىد نۇرى چاقنىدى. 2019-يىلى ئۇ سېتىۋالغان 100 گۆش توشقىنى ھازىر كۆپىيىپ 1000 غا يەتتى. ئەمدىلا سېتىپ چىقارغان 200 نەچچە توشقاندىن 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

  2019-يىلى 7-ئايدا، يېزىدىن دېھقانلارنى توشقان بېقىشقا سەپەرۋەر قىلغاندا، روزىمەمەتنىڭ خوتۇنى ئايگۈزەلمۇ توشقان بېقىش قارارىغا كەلدى. تېخنىكلارنىڭ ياردىمىدە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆلچەملىك بىر كىچىك توشقان كاتىكى ياسىدى، شۇنداق قىلىپ 100 توشقان ئۇلارنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ماكانلاشتى.

  ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئايگۈزەل تېزلا توشقان بېقىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا يەم بېرىشنى ئۆگىنىۋالدى. نەسىللىك توشقانلار 45 كۈندىلا بۆجەنلىدى، يەنە كېلىپ بىر قېتىمدا يەتتىدىن بۆجەنلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى توشقان تېزلا 1000 غا يەتتى.

  يېقىندىن بۇيان، روزىمەمەت توشقان بېقىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ھەركۈنى توشقانغا يەم بېرىپ، خوتۇنىدىنمۇ بەكرەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتتى.

  ئۇنىڭ ئۆيدە توشقان بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىق ئىشىدىن كەنتتىكىلەر تېزلا خەۋەر تاپتى، روزىمەمەتنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى دوستى مەمەتئىمىن تۇرسۇنتوختى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى. مەمەتئىمىن بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ توشقان باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

  بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى دوستىنىڭ تۇرمۇشتا قىيلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، روزىمەمەت ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولدى، بۇنىڭغا يەنە بىر دوستى قوشۇلۇپ ئۈچەيلەن جەمئىي 150 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ، كەنتكە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا 1000 كىۋادىرات مېتىرلىق توشقان كاتىكى ياساتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە بۇزاق يېزىسى توشقانچىلىق كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، 548 ئائىلىلىك دېھقان توشقان باقمىچىلىق تۈرىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان، پۈتۈن كەنتتىكى تاۋار توشقان جەمئىي 166 مىڭغا يەتكەن. بۇ كەنت «باشلامچى كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى (ھەمكارلىق كوپىراتىپى) + بازار» دىن ئىبارەت گۆش توشقىنىنى دەرىجىگە ئايرىپ بېقىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش چاتما ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ