تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدىكى جۇڭگولۇق پۇتبولچىلار

خەلق تورى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى (يۈەن ۋۇچۆ) بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 26-ئايلانما مۇسابىقىسى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يۇقۇمدىن كېيىن مۇسابىقىنى تۇنجى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئايلاندى. گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تارىخىدىمۇ جۇڭگولۇق پۇتبولچىلار بولغان. تۆۋەندە سىز ئۈچۈن گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدىكى جۇڭگولۇق پۇتبولچىلارنى تونۇشتۇرىمىز.

ياڭ چېن (ماتېرىيال سۈرەت)

1998-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياڭ چېن فرانكفورت كۇلۇبىغا رەسمىي يۆتكىلىپ، ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ تەپكەن تۇنجى جۇڭگولۇق پۇتبولچى بولۇپ قالدى. ياڭ چېن فرانكفورتتا تۆت يىل توپ تېپىپ، جەمئىي 21 توپ كىرگۈزگەن.

شاۋ جيايى (ماتېرىيال سۈرەت)

شاۋ جىيايى ئىككىنچى بولۇپ گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق پۇتبولچى. 2003-يىلى، شاۋ جيايى ميۇنخېن 1860 كۇلۇبىغا ئەزا بولغان، ئۇ ئىختىيارى توپ تېپىپ كىرگۈزۈش بىلەن گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن.

2006-يىلى، شاۋ جيايى كوتىبس كۇلۇبىغا كەلگەن. ئۇ يارىلانغانلىقى سەۋەبىدىن، مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپ بولمىغان، بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن، كوماندىنىڭ دەرىجىسىمۇ چۈشۈپ كەتكەن.

خاۋ جۈنمىن (ماتېرىيال سۈرەت)

2010-يىلى خاۋ جۈنمىن گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ تەپكەن ئۈچىنچى جۇڭگولۇق پۇتبولچى. شارىك 04 كوماندىسىدا توپ تەپكەن مەزگىلىدە، خاۋ جۈنمىن سەپلىمە ماھىر ئورنىدا تۇرغان، ۋە كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە ئەمەلىي ياردەم قىلالمىغان. بىر يىلدىن كېيىن، خاۋ جۈنمىن كوماندىدىن ئايرىلغان.

جاڭ شىجې (ماتېرىيال سۈرەت)

2014-يىلى، جاڭ شىجې ۋورفسبۇرگ كۇلۇبى بىلەن رەسمىي توختاملىشىپ، گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ تەپكەن تۆتىنچى جۇڭگولۇق پۇتبولچى بولۇپ قالغان. ئەمەلىي ئىقتىدارى جەھەتتە سەپداشلىرى بىلەن پەرق بولغاچقا، جاڭ شىجې مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن، كوماندىغا كېلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇ كۇلۇب بىلەن توختامنى بىكار قىلغان.

جاڭ يۈنىڭ (ماتېرىيال سۈرەت)

2017-يىلى، 20 ياشلىق جاڭ يۈنىڭ بىرېمېن كۇلۇبىغا ئەزا بولۇپ، گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينىغان ئەڭ ياش جۇڭگولۇق پۇتبولچى بولۇپ قالغان. بىرېمېن كونا كۈچلۈك كوماندا بولغاچقا، كوماندا ئىچىدىكى رىقابەت بېسىمى ئېغىر ئىدى، گەرچە جاڭ يۈنىڭ مەشىق جەريانىدا تىرىشچان بولۇپ، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە پات-پات توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرلەشمە مۇسابىقە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئىپادىسى باش تىرېنېرنى يەنىلا رازى قىلالمىغان. 2018-يىلى، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن جاڭ يۈنىڭ بىرېمېندىن ئايرىلىپ، باشقا بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ ئويناشنى تاللىغان.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ