تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۈزەل پاتىخا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى

ئالدىراشلىققا تولغان كىيىم تىكىش سېخى (خې لۇڭ فوتوسى).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرى سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتى يۆخۇا كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىدە، ئون نەچچە ئىشچى زاكاز تالونىنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا كىيىم تىكىش، دەزمال سېلىش، مەھسۇلات تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى ... (خې لۇڭ فوتوسى)

پاتىخا چاقاي ئەستايىدىل خىزمەت قىلماقتا.

  كەنت ئاھالىسى پاتىخا چاقاي بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن بولۇپ، سەنچاڭساۋزى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى: «مەن بىر ياستۇق تىكسەم 60 يۈەن پىششىقلاپ ئىشلەش ھەققى تاپالايمەن، ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن. ھازىر زاۋۇت ئۆيگە بەك يېقىن، ئىشىك ئالدىدىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال.»

پاتىخا چاقاي كىيىملەرگە دەزمال سالماقتا.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پاتىخا چاقاي ئىزچىل ئۆيدە بولۇپ خىزمەت قىلمايتتى. كىيىم تىكىش زاۋۇتىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى. ئۇ مۇخبىرغا، كىيىم تىكىش زاۋۇتى ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ھالەتتىن ھازىرقى ھەر كۈنى نۇرغۇن كىيىم-كېچەك، ياستۇق پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى، بۇ ھۈنىرى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلسىمۇ ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تىكىلىپ تەييار بولغان كىيىملەر قاچلىنىپ توشۇلۇشقا تەييار بولدى.

   2017-يىلى، يۆخۇا كىيىم تىكىش شىركىتى سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتىدە تىككۈچىلىك زاۋۇتى قۇردى، دەسلەپتە ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، كەنتتىكى بەزى ئاياللار ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ خىزمەت قىلىشنى خالىمىغان ئىدى، كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ھۈنىرى بار ئاياللارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى، ئۆيىدە ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئېھتىياجى بار ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىگە كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆيدە ئىشلەشكە بۇيرىدى. نۆۋەتتە، يۆخۇا كىيىم تىكىش شىركىتى سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتىدىكى 80 دېھقاننىڭ تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمنى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

سەنچاڭساۋزى كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بېيتىڭ بازىرى سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتىدە جەمئىي 353 ئائىلە، 1373 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاق ئائىلە 287، 1126 ئادەمگە يېتىدىكەن. 2014-يىلى، سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق تەرەققىيات كەنتى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن جەمئىي 198 ئائىلىدىكى 746 ئادەم پۈتۈن كەنت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %55ىنى ئىگىلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتى قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، 2019-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 13 مىڭ 752 يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ