تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز نيۇ خەييەن، ئىختىيارىي مۇخبىر شيې پېڭفېي خەۋىرى): «بۇ قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات كارتىسى، تاماق يېگەچ قاتناش بىخەتەرلىكىگە كۆپرەك دىققەت قىلىڭ». 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى قاتناش ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ليۇ خانىم سىرتقا تاماق توشۇغۇچى ئەكىلىپ بەرگەن چۈشلۈك تاماق بىلەن بىللە، يەنە قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات كارتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى «ساقچى-كارخانا ھەمكارلىشىپ» قاتناش بىخەتەرلىكىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىرتقا تاماق توشۇش كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىرتقا تاماق توشۇغۇچىلار ئارقىلىق تاماق يەتكۈزۈش جەريانىدا تاماق زاكاس قىلغۇچىغا بىر پارچە قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسكەرتىش كارتىسى بېرىپ، قاتناش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەممە ئادەم قانۇن ئۆگىنىدىغان، ھەممە ئادەم قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ھەممە ئادەم قانۇن ئىشلىتىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى ياراتتى.
قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىر تۇتاش ياساتقان تەشۋىقات شۇئار بايرىقى سىرتقا تاماق توشۇغۇچىلارنىڭ توكسىكىلىتىغا ئېسىلدى، شۇنداقلا تاماق يەتكۈزگۈچىلەرگە قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات كارتىسىدىن 10 مىڭنى تارقاتتى، تاماق توشۇغۇچىلار تاماق ئېلىش ۋە تاماق يەتكۈزۈش داۋامىدا تىجارەتچىلەرگە، تاماق زاكاس قىلغۇچىلارغا كارتىنى ھەقسىز تارقىتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇردى.
«بۇ يىل قاتناش ساقچى تارماقلىرى كۆپ قاتلام، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ نۇقتىدىن قاتناش بىخەتەرلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ قېتىمقى سىرتقا تاماق توشۇش شىركىتى بىلەن <ساقچى-كارخانا ھەمكارلىشىپ> تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بىر قېتىملىق يېڭى ئىزدىنىش، بۇنىڭدىكى مەقسەت تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزاملىرى ۋە سىرتقا چىققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، مەدەنىي، تەرتىپلىك قاتناش مۇھىتى بەرپا قىلىش» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ھۈسەن ئەخەت.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 30 نەپەر سىرتقا تاماق توشۇغۇچى قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتچىسى بولغان، سىرتقا تاماق توشۇغۇچىلارغا تايىنىپ قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەن.