تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

16-نۆۋەتلىك ئاقسۇ «دولان.كۈسەن» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز لۈ نا خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 19-كۈنى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى». شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى 2020-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شۆبە  مەيدان پائالىيىتى— 16-نۆۋەتلىك ئاقسۇ «دولان.كۈسەن» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ۋىلايەتنىڭ «76331» ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون خاراكتىرلىك پۈتۈن رايون ساياھەت ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ، ساياھەت كەسىپ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمكى كۈسەن  سىرلىق ئاقسۇ» ماركىسى داۋاملىق يارىتىلىدۇ.

  پائالىيەت 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى ئاۋات ناھىيەسى دولان دەرياسى بويىدىكى مۇسەللەس كوچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ شۆبە پائالىيەت مەيدانى دولان يۇرتى مەنزىرە رايونى، دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى، قۇملۇق توغراق باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  پائالىيەت مەزمۇنى 2020-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شۆبە پائالىيەت مەيدانى پائالىيىتى— 16-نۆۋەتلىك ئاقسۇ «دولان.كۈسەن» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى، مۇسەللەس مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى؛ مۇسەللەس مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، مۇسەللەس كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى؛ ئۈجمە شاھى مۇسابىقىسى، ئۈجمە ئۈزۈش مۇسابىقىسى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پائالىيەتتە يەنە شىنجاڭدىكى قۇملۇق دالا ھەۋەسكارلىرى تەشكىللىنىپ، قۇملۇق دالا راللى مۇسابىقىسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، غەلىبە قىلغان ماھىرلار باھالاپ چىقىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «تېجەشلىك بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئامما قاتنىشىش، ئىناق ئۆتۈش» باش تېمىسى بويىچە، بايرام ئارقىلىق ساياھەتچىلىك ۋە سېتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن. ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىقات بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن تور بويىچە تەشۋىقات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدىكەن ھەمدە ئاقسۇنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى، داڭلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تەسىر كۈچى كېڭەيتىلىپ، رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ