تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لېي، جۇ جېڭلېي، جىن يەن خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ ئالتۇنتاغ تىزمىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3860 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئېتىكىدە، ئېلېكتىر ئىشچىلىرى ئادەم كۈچى بىلەن نەچچە يۈز كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى تىك مۇنارسىمان تۆمۈر دېتاللارنى تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقماقچى بولدى...
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق توك تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى دۆلەت 1-دەرىجىلىك ئېلېكترلەشكەن تاق لىنىيەلىك تۆمۈر يول بولۇپ، بۇ تۆمۈر يولنىڭ توك تەمىنلەش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بايىنغولىن ئوبلاستلىق توك تەمىنلەش شىركىتى 14 تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان.
يېقىندا، ئالتۇنتاغ ئېتىكىدىكى بىر ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى مەيدانىدا، 14 يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان 110 كىلوۋولتلۇق ئالتۇنتاغ شىمالىي تارتىش پونكىتى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى پات ئارىدا ئالتۇنتاغ تىزمىسىدىن شىمالىي تارتىش پونكىتى ھالقىپ ئۆتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، بۇ لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان ئادەمسىز رايون قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ 14 يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 360 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 110 كىلوۋولتلۇق ئالتۇنتاغ شىمالىي تارتىش پونكىتى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى 104 كىلومېتىر بولۇپ، ئىككى يەككە پاراللېل لىنىيە ياسىلىدۇ، جەمئىي 304 مۇنارسىمان ئىستولبا بار، 85 مىليون 490 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى.
110 كىلوۋولتلۇق ئالتۇنتاغ شىمالىي تارتىش پونكىتى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 3860 مېتىر، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 3200 مېتىر، ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى بىلەن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىنىڭ چۈشۈش پەرقى 660 مېتىر كېلىدۇ.
تىك مۇنارسىمان تۆمۈر دېتاللارنى قۇرۇلۇش رايونىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشچىلىرى قۇرۇلۇش قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، خادىملار ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تاغ چوققىسىدا تاش تېشىش ماشىنىسى بىلەن تۆمۈر مۇنارنىڭ ئۇلىنى كولاپ، ئاندىن ئادەم كۈچى بىلەن يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى، نەچچە يۈز كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى تىك مۇنارسىمان تۆمۈر دېتاللار تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىلىپ، تۆمۈر مۇنار تىكلىنىدۇ، بۇ تۆمۈر مۇنارلار ياسالغاندىن كېيىن، تارتىش پونكىتىنىڭ توك تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئىشەنچىلىك، مۇقىم توك كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.