تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

چېن جوۋگۇي: خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان نەمۇنىلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ئوقۇغۇچىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ۋاڭ چېڭ) «قۇتقۇزۇڭلار... قۇتقۇزۇڭلار!» جىددىي چاقىرغان قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، 22 ياشقا كىرگەن چېن جوۋگۇي قىلچە ئىككىلەنمەي، دەرھال شىددەتلىك دولقۇنلاۋاتقان دېڭىزغا ئۆزىنى ئېتىپ، خەتەرگە يولۇققان ئاممىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېيىز سۇ رايونىغا ئىتتىرىپ چىقارغان، ئەمما چېن جوۋگۇينى دېڭىز دولقۇنى يۇتۇپ كەتكەن.

چېن جوۋگۇي 1991 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىم شۆيۈەنى چېگرا مۇداپىئە فاكۇلتېتى 13 - ئەترىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. 2013 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى فۇجيەننىڭ دۇڭشەندىكى يۇرتىغا تۇغقان يوقلىغىلى بارغان چېن جوۋگۇي دېڭىز بويىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كۈچلۈك بوران چىقىپ، تىنچ دېڭىز يۈزىدە ئىككى - ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە غايەت زور دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، لاي - لاتقىلار دېڭىز قىرغىقىغا شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان، دېڭىزدا سۇ ئۈزۈۋاتقان ساياھەتچىلەر ھودۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، دوستلىرىنى چاقىرىشىپ، چىرقىراپ قىرغاق تەرەپكە قاراپ قاچقان.

ۋاراڭ - چۇرۇڭ، شاۋقۇن - سۈرەن ئىچىدە چېن جوۋگۇي «قۇتقۇزۇڭلار... قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان، ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاراپ، دېڭىز قىرغىقىدىن 60 - 50 مېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز سۈيىدە بىرەيلەننىڭ بىر لەيلەپ، بىر چۆكۈپ، ئىككى قولىنى پۇلاڭلىتىپ كۈچىنىڭ بارىچە تىركىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

«چاتاق بولدى، بىرەيلەن تۇنجۇقۇپ قالاي دەپتۇ!» سۇ ئۈزۈشنى پىششىق بىلىدىغان چېن جوۋگۇي بىر تەرەپتىن دېڭىزغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ، بىر تەرەپتىن مىسەيفۇ، ئاياغلىرىنى سېلىپ، دېڭىزغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۇنجۇقۇپ قالغۇچىغا يېقىنلاشقان. تۇنجۇقۇپ قالغۇچى ئامما ھالسىزلىنىپ، چۆكۈشكە باشلىغان بولۇپ، چېن جوۋگۇي يوپۇرۇلۇپ كەلگەن دېڭىز دولقۇنىغا قارىماي، تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنى مۈرىسى بىلەن ئاستا - ئاستا قىرغاق تەرەپكە ئىتتىرگەن. نەچچە رەت جاپالىق ئېلىشىش ئارقىلىق، چېن جوۋگۇي ئاخىر تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنى ساھىلغا يېقىن بىخەتەر جايغا ئىتتىرىپ ئاپارغان.

ئامما قۇتقۇزۇۋېلىنغان، لېكىن باتۇرلۇق بىلەن ئادەم قۇتقۇزغان چېن جوۋگۇي ھالسىزلىنىپ، بەختكە قارشى دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىپ، شىددەتلىك دېڭىز دولقۇنىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. 2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، چېن جوۋگۇينىڭ جەسىتى ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىن يىراق بولغان مالۇەنۋەنگە يېقىن دېڭىز تەۋەسىدىن سۈزۈۋېلىنغان.

چېن جوۋگۇي قۇربان بولغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا «خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان نەمۇنىلىك ئوقۇغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەرگەن ھەم ئۇنىڭغا «2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى ئوردېنى» بەرگەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەرگەن.

قىسقىغىنا ھەربىيلىك ھاياتىدا، چېن جوۋگۇي قىممەتلىك ھاياتى بىلەن كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرغان، ئۇ ھاياتلىق ئۈمىدىنى باشقىلارغا قالدۇرۇپ، ئۆلۈم خەۋپىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، سەلتەنەتلىك قەھرىمانلىق قەسىدىسىنى پۈتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ئۈچۈن» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ