تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ھەيۋەتلىك تەيشەن تېغى، قەھرىمانلارنىڭ «جاسارىتى»

− خەلق ساقچىلىرى ئىسسىق قېنى بىلەن ساداقىتىنى پۈتتى

شيا بونىڭ سۈرىتى.

شياۋ بىننىڭ سۈرىتى.

چى خۇڭخەينىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ياڭ ۋېن) مۇشۇ يىللاردا، ھەر قېتىم چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كەلگەندە، خەلق ساقچىلىرى ۋەكىللىرى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى خەلق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئابىدىسى ئالدىغا كېلىپ، قارا نىيەتلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان سەپداشلىرىنى ياد ئېتىدۇ.

شيا بو 1974 - يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ نىڭياڭدىن، 1995 - يىلى 7 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ھايات ۋاقتىدا تەيئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەيشەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىدى. «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» شياۋ بىن شەندۇڭ دۇڭپىڭدىن، 2003 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ھايات ۋاقتىدا تەيئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەيشەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى دەيزۇڭفاڭ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىدى. چى خۇڭخەي 1962 - يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ تەيئەندىن، 1986 - يىلى 12 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ھايات ۋاقتىدا تەيئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 2 - چوڭ ئەترەت 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىدى. ئۈچ نەپەر خەلق ساقچىسىنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ئەزاسى.

2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە، تەيئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەيشەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى شەندۇڭ دېجوۋ جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلىگەن، شيا بو جىنايى ئىشلار ساقچىلىرىنى باشلاپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەۋەلىك رايونىدىكى خەلق ساقچىسى شياۋ بىن بىلەن ئۇچراشقان. شياۋ بىن: «تەۋەلىك رايونىمىزنىڭ ئەھۋالىنى مەن پىششىق بىلىمەن، سىلەر ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار!» دېگەن.

بىر چوڭ ھويلىغا كىرگەندە، شياۋ بىن ئالدىغا ئۆتۈپ ئىشىكنى چېكىپ: «بىز دەيزۇڭفاڭ ساقچىخانىسىدىن...» دېگەن. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكىنىڭ ئىچىدىكى ياغاچ ئىشىك تۇيۇقسىز ئېچىلغان، بىر جىنايەت گۇماندارى ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكىدىن بىر پاي ئوق ئاتقان.

شياۋ بىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي، بېشىغا ئوق تەگكەن. يەرگە يىقىلغان شۇ پەيتتە، ئۇ يەنە يېنىدىكى سەپدىشىنى ئىتتىرىۋەتكەن. يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، كېيىن پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، شياۋ بىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ چاغدا ئەمدىلا 31 ياشتا ئىدى.

ئۆيدىن ئىككى ئادەم ئېتىلىپ چىقىپ، خەلق ساقچىلىرىغا غالجىرلارچە ئوق چىقارغان. شيا بونىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىغا چاچما ئوق تەگكەن، ئۇ: «ئېھتىيات قىلىڭلار، قورال بار ئىكەن، تېز چېكىنىڭلار!» دەپ ۋارقىرىغان، شيا بو قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، پۇتى يارىلانغان خەلق ساقچىسى چيەن شياڭسۈننى يۆلەپ كەينىگە چېكىنگەن. جىنايەت گۇماندارلىرى تېزلىك بىلەن قوغلاپ كەلگەن، سەپداشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، شيا بو ئۇدۇل بېرىپ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئالدىنى توسقان.

جىنايەت گۇماندارلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشىش جەريانىدا، شيا بونىڭ بەدىنىنىڭ يەتتە يېرىگە پىچاق تىقىلغان. ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، ئۇ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان قولىدا يان تېلېفوننى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئەترەت باشلىقى، ئۇلارنىڭ قولىدا قورال بار ئىكەن!» دەپ دوكلات قىلغان. شۇنداق قىلىپ، شيا بو قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

ياۋۇزلۇقتىن كېيىن، ئىككى قارا نىيەت يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلنى توسۇپ بۇلاپ قېچىپ كەتكەن. تەيئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، تېزلىكتە پۈتۈن شەھەردە كونترول قىلىش، توسۇشنى قانات يايدۇرغان، قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يولدىكى بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىغا كونترول قىلىش، تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ، چى خۇڭخەي ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىز - دېرىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان.

سائەت 12 يېرىم ئەتراپىدا، سۆزلىشىش ئاپپاراتىدا جىنايەت گۇماندارلىرى ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭ چى خۇڭخەي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان نۇقتىغا 1000 مېتىرلا كېلىدىغان جايدا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن. چى خۇڭخەي دەرھال پىكاپىنى ھەيدەپ جىنايەت گۇماندارلىرى بار يۆنىلىشكە قاراپ قوغلىغان. جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئاپتوموبىلى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، يول بويىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى بىر چوڭ دەرەخكە سوقۇلۇپ، ئاپتوموبىل ئېغىر زەخىملەنگەن. جىنايەت گۇماندارلىرى پىچاق، تاپانچا كۆتۈرگىنىچە ئاپتوموبىلنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ، يېتىپ كەلگەن ساقچى ئاپتوموبىلىغا قاراپ غالجىرلارچە يۈگۈرۈپ بېرىپ، توختىماي ئوق چىقارغان.

چى خۇڭخەي خەتەرلىك پەيتتە ئاپتوموبىلنى جىددىي توختىتىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ ياردەم بېرىشكە تەييارلانغان. بۇ چاغدا، جىنايەت گۇماندارلىرى ئاپتوموبىلدىكى چى خۇڭخەينى بايقاپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى پاي ئوق ئاتقان. چى خۇڭخەينىڭ بېشىغا ئوق تېگىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شيا بو، شياۋ بىن، چى خۇڭخەينى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىغان؛ 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى شيا بو، شياۋ بىن، چى خۇڭخەيگە «شەندۇڭ ئۆلكىسى بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن؛ 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى شيا بو، شياۋ بىن، چى خۇڭخەيگە «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ