تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر مېھرىگۈل دولقۇن، ھەسەن راخمان خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى قۇرما يېزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، پەلەي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا 100دىن ئارتۇق دېھقاننى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كىرىمنى سىجىل ئاشۇرىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ماڭدى، 2017-يىلى، مەكىت ناھىيەسى قۇرما يېزىسى 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تېرىم مەھەللىسى كەنتىدە 500 كىۋادرات مېتىرلىق پەلەي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇردى ھەمدە مەكىت ناھىيەسى جوۋچى توقۇلما بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى بىلەن مۇراسىم پەلىيى ئىشلەپچىقىرىش توختامى ئىمزالىدى. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىش باشلانغاندىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى-خىزمەتچى قۇرما يېزىسىنىڭ سەككىز كەنتىدىكى 100دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى قاپلىدى.
نەچچە يىل ئىلگىرى، نۇربىيە ھەسەن ئىقتىسادىي كىرىمى يوق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ھېسابلىناتتى، ئۇ ئېرى بىلەن 30 مو يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، بىر تەرەپتىن يەر تېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن پارچە-پۇرات ئىش قىلاتتى. كىرىمى مۇقىم بولمىغاچقا، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى، نۇربىيە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پەلەي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشقا چۈشتى.
نۇربىيە زاۋۇتقا كەلگەن قىسقىغىنە 20 نەچچە كۈندە تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، زاۋۇتتىكى تايانچ خادىمغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالدى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان نۇربىيە 2019-يىلى نامراتلىق قالپىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۆرۈپ تاشلىدى. تېرىم مەھەللىسى كەنتى پەلەي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا يەنە 100دىن ئارتۇق ئايال نۇربىيە ھەسەنگە ئوخشاش دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇردى.