5-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 101-تۇەن 3-ليەنىنىڭ پارتىيە ئەزاسى جاڭ خۇڭمېي (ئوڭدا) ئۈزۈمچى دېھقانلارنىڭ بىخ سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. 101-تۇەن مۇلازىمەت تىپىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى +» مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىمىتى»، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + خاس تېرىقچىلىق»، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» قاتارلىق كۆپ خىل پارتىيە قۇرۇلۇشى ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. (ۋېي شىنجياڭ فوتوسى)
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى