تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋارىسجان خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا قۇشلارنىڭ كۆپىيىش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىغان مەزگىل، قۇشلار سۇلۇق يەردىكى تېيىز ساھىل، ئوت-چۆپلەر، پاكار دەرەخلەردە تۇخۇم بېسىپ، چۈجىلىرىنى باقىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ماناس ناھىيەسى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىگە سۇ تولۇقلاش، بېلىجانلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ياۋا قۇشلار ئۈچۈن «راھەت ماكان» بەرپا قىلىدۇ.
ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى شىنجاڭدىكى 2-چوڭ سۇلۇق يەر باغچىسى، دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. سۇلۇق يەرنىڭ سۇ دائىرىسى، ساھىللىرى كەڭ، كۆلچەكلىرى كۆپ، سۇ قۇشلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى مول ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېرىلغۇدىن، چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش ئارقىلىق، سۇلۇق يەر كۆلىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ھازىر 85 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، سۇلۇق يەر ئىچىدىكى ياۋايى ھايۋانلار 330 خىلدىن ئاشتى. بۇ يەر يەنە يېشىل باش ئۆردەك، ئاق سۆڭەكلىك باش توخۇ، ئاق قوتان، ئاق قۇ قاتارلىق پەسىل قۇشلىرىنىڭ مۇھىم كۆچۈش تەمىنات پونكىتى بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن قۇشلار بۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىپ، ماكانلىشىپ، ئۇۋا ياساپ كۆپىيىدۇ.
سۇ تولۇقلاشتىن باشقا، شۇ جاي يەنە بېلىقلارنى قويۇپ بېرىپ، سۇلۇق يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئىگە قىلدى. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ماناس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى،يېزا ئىدارىسى سۇلۇق يەر باغچىسىدا 2020-يىللىق بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش ۋە قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، لاققا بېلىق، ئوتخور بېلىق، كارپ بېلىقى، تاپان بېلىق بېلىجانلىرىدىن 120 مىڭنى قويۇپ بەردى. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ماناس ناھىيەسىنىڭ 2019-يىلىدىن بۇيان مەركەز مالىيەسىنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان ئىككىنچى يىلى بولۇپ، ئىككى يىلدا سۇلۇق يەر باغچىسىغا 330 مىڭدىن ئارتۇق ھەرخىل بېلىجانلار قويۇپ بېرىلدى.