تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ فېڭشوۋ خەۋىرى، فوتوسى): ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئۇسۇن تېغىدا ئاقتاس دەپ ئاتىلىدىغان بىر يايلاق بار، 5-ئاي يېتىپ كەلگەندە، تاغ-دالىلارنى قاپلىغان گۈللەر نۇرغۇن دالا ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىدۇ، بۇ يىل بۇ يەردە ھېس قىلىش + ئىچكىرىلەپ ساياھەت قىلىش A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىنىدۇ.
بۇ يىل، ئاقتاس يايلىقىدا ھېس قىلىش + ئىچكىرىلەپ ساياھەت قىلىش A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 61 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭغا 220 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنمەكتە. شۇ چاغدا مەنزىرە رايونىدا 2000 كىۋادرات مېتىرلىق ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت كۈتۈۋېلىش مەركىزى، 40 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 10 كىلومېتىر كېلىدىغان ساياھەت كىچىك پويىزى ۋە رېلىس، 1500 مېتىر كېلىدىغان ساياھەت ئاسما ۋاگونى، 400 مېتىرلىق ئەينەك ئاسما كۆۋرۈك، دېيامېتىرى 40 مېتىر كېلىدىغان ئەينەك تاماشا سۇپىسى، بىرىكمە ئىلەڭگۈچ، ئېگىزلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان ئېلاستىكىلىق ئېگىزدىن سەكرەش سۇپىسى، 300 مېتىرلىق ئەينەك سىيرىلما يول، 600 مېتىرلىق ئەينەك سىيرىلما لەيلىگۈچ، 600 مېتىرلىق سىيرىلما ئارقانلىق تېز تېيىلىش يولى، 400 مېتىرلىق ساياھەت سېھىرلىك گىلىمى، ئېگىزلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان، ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىنىدىغان بەش يۈرۈش فونتان، 30 دانە ئۆي ئاپتوموبىل مېھمانخانىسى ۋە 50 يۈرۈش داچا ئالىي مېھمانسارىيى بار بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، مەنزىرە رايونى پۈتكەندىن كېيىن ئەتراپتىكى كۇرە كەنتى، ئاقتاس كەنتى ۋە باقالىق كەنتىدە يىلىغا 200گە يېقىن ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 2 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، ساياھەتتىن پايدىلىنىپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.