تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پەن تەتقىقاتتا قول تۇتۇشۇپ، تەقدىرداش بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەيلى

− قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟» «جاراھەتلەندۈرمەي نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ۋە جاراھەتلەندۈرۈپ نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش پۇرسىتى ھەم كۆرسەتكۈچ بەلگىسى دېگەن نېمە؟» «ئوزۇقلۇق بىلەن قوللاشنىڭ داۋالاشتىكى ئۆلچىمى نېمە؟» ئېفىيوپىيەدىكى ئەڭ چوڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى − ئىكا كوتبى دوختۇرخانىسىدا، شۇ جايدىكى تېببىي خادىملارنىڭ سوئالىغا قارىتا، جۇڭگونىڭ ئېفىيوپىيەگە ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىر - بىرلەپ تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

ھەممىسى ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈچۈن! ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەن قىممەت ئىدىيەسى جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بىر - بىرىگە زىچ باغلىدى. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، جۇڭگو ئىلىم - پەن ئارقىلىق ئۇسۇل تېپىش، جاۋاب تېپىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، بىر تەرەپتىن قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، بىر تەرەپتىن خۇلاسىلەپ، بىر تەرەپتىن ياخشىلاپ، 50 كۈن ئىچىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق يەتتە نۇسخا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى، ئالتە نۇسخا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى شەكىللەندۈردى، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى ئىنگلىزچە ئىلمىي ژۇرناللاردا 1100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇنداق غايەت زور قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن پۈتۈن دۇنيادىكى 180دىن ئارتۇق دۆلەت، ئوندىن ئارتۇق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى تولۇق بەھرىمەن بولدى، «يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى».

تەجرىبە تەستە قولغا كەلدى! «دادام مەڭگۈ <خوشېنشەن>دە قالدى». سەي ياچىڭ ئىسىملىك بىر ۋۇخەن شەھەر ئاھالىسى دادىسىنىڭ جەسىتىنى خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئاناتومىيە قىلىشىغا پۈتۈنلەي تەقدىم قىلدى. ئۇ ئىمزا قويغان ماقۇلنامىدە مۇنداق يېزىلغان: «بۇ ئەۋرىشكە تەقدىم قىلىش ھەرىكىتى باشقا ئاغرىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ساقىيىش ئىمكانىيىتى ئېلىپ كېلىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۆزىنىڭ جەسىتىنىڭ يەنە باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى بىلسە، دادام ھايات ۋاقتىدىمۇ چوقۇم قوشۇلغان بولاتتى. دەل بىر - بىرلەپ كېسەل كارىۋىتىدىن ئايرىلىپلا قان پىلازمىسىنى تەقدىم قىلغان ئاغرىقلار غايەت زور ئازابتىن تېخى قۇتۇلماي تۇرۇپلا جەسەت تەقدىم قىلىشقا قوشۇلغان ئاغرىقلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغاچقا، جۇڭگو پۈتۈن دۇنيادا تۇنجى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى پاتولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ئامبىرى قۇرۇپ، ۋۇخەندىكى ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى %14تىن %89كە يەتكۈزدى. بىزنىڭ دۇنيا بىلەن داۋالاش تەجرىبىسى ۋە نەتىجىلىرىدىن ۋاقتىدا تەڭ بەھرىمەن بولۇشىمىز دەل «يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز»، بۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەخلاق - ھەققانىيلىقى، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئادىمىيلىك جەھەتتە چاقناتقان نۇرى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ بۇ مەيدان يەر شارىۋى كىرىزىسقا تاقابىل تۇردى. بىرىنچى ۋاقىتتا پۈتۈن يەر شارى بىلەن ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن گېن تەرتىپى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ھاسىل قىلغۇچى ماددىسى ۋە تەكشۈرۈش يىڭنىسى تەرتىپىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، بارلىق دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تور بىلىم مەركىزى تەسىس قىلدى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىن يىغىنى ئاچتى... بولىۋىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى ئەنۋەر كرۇز مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگونىڭ شەخسىيەتسىز تەڭ بەھرىلەندۈرۈشى بولغاچقا، ناھايىتى كۆپ دۆلەت ۋە رايون يۇقۇم پارتلىغاندا بۇنىڭدىن پايدىلاندى ۋە قارشى تەدبىر قوللاندى»؛ مالايسىيانىڭ ۋىرۇسشۇناسى لىن شىجيې مۇنداق كۆرسەتتى: «دەل جۇڭگو تەرەپ بىرىنچى ۋاقىتتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرگەچكە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار تېزدىن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرالىدى»؛ ئىتالىيەنىڭ دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىدىكى دوختۇرلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دوختۇرلىرىنىڭ «ئالدىنى ئېلىش، دىياگنوز قويۇشتىن تارتىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشقىچە، ھەربىر ھالقىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرگەنلىكى ناھايىتى قىممەتلىك، ئۈنۈملۈك بولدى».

بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار بىلەن يەر شارىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىدىغان بىردىنبىر رىقابەتچى دەل ۋىرۇس». ئۇنىڭ ئۈستىدىن قانداق غالىب كېلىش كېرەك؟ ئىلىم - پەنگە تايىنىش، ھەمكارلىققا تايىنىش كېرەك. 1918 - يىلى ئىسپانىيەدىكى تارقىلىشچان زۇكام پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، زامانىۋى تېببىي ئىلىمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا خەلقئارا ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى؛ 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «چېچەكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش پىلانى»نى تەشكىللەپ يولغا قويدى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇنىڭغا قاتناشتى، ئاخىرىدا چېچەك پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىلدى. دۇنيا يۈكسەكلىكىدە ئالاقە ئۆزئارا راۋانلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز تېخىمۇ «يەر شارىۋىلاشقان ئۇسۇل بىلەن يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك». خۇددى «ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نىڭ ئاپتورى يۇۋال خارارى ئېيتقاندەك، «تارىخ ھەقىقىي قوغداشنىڭ ئىشەنچلىك ئىلىم - پەن ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە پۈتۈن يەر شارىدىكىلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىشتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى». ھازىرقى يەر شارىۋى يۇقۇمغا قارىتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ بىر ئىلىم - پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىدىغان پەيت».

ئىككىمىز ماڭغانىدۇق تاغلار ئارا جۇدۇندا، يۈرەكتىكى سېغىنىشقا تولۇن ئاي گۇۋاھ. بۇ باھاردا، رىمدىن بېلگرادقىچە، تېھراندىن ئىسلامئابادقىچە، قارا دېڭىز ساھىلىدىن ئافرىقا تۇمشۇقىغىچە، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلىنغان ھەر قېتىملىق ماسلاشما جەڭلەر، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغان كۆرۈنۈشلەر، شەخسىيەتسىز تەڭ بەھرىلىنىش ئۈچۈن ئېچىلغان مەيدان - مەيدان سىن يىغىنلاردىن خەلقئارا جەمئىيەت چىش بىلەن كالپۇكتەك بىر - بىرىگە بېقىنىدىغان دۇنيانى كۆردى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان جۇڭگونى كۆردى. بىزنىڭ «ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز بىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىمىزدىن، بىزنىڭ پەن - تېخنىكىنىڭ ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنگەنلىكىمىزدىن، بىزنىڭ «خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى» ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەنلىكىمىزدىن بولدى.

ۋىرۇس ئالدىدا، ھاياتلىق ناھايىتى ئاجىز؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، ئىنسانلار ناھايىتى قەيسەر. ئاداۋەتنى تاشلاپ، ئارازلىقنى يوقاتقاندىلا، دۇنيادا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق ۋە كۈچ - قۇۋۋەت بولىدۇ. سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا قارىتا چوڭقۇر ھېسسىياتتا بولدى، « ئۇلار ئالتە ھەپتە چىڭ تۇرۇپ، كېسەللىك مىسالى كۆرۈلگەن بارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقتى» «ئۇلارنىڭ كېلىشى سېربىيەلىكلەرگە ئۆزىنىڭ ئەمدى يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى.» قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشساقلا، ئۈمىد ئالدىمىزدا؛ ئايىغىمىز ئاستىدا نۇر بولسا قاراڭغۇلۇقتىن قورقمايمىز. بۇ نۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش نۇرى، ھەمكارلىشىش نۇرى، مەدەنىيلىك نۇرى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ