شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ سىبېي، خۇ خاۋ) مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 8 مىليون 740 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 400 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان.
«ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولماقتا.» مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى مۇرەككەپ، كەسكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆرلەپ ئوقۇشقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، يول ئېچىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، خۇبېيغا ياردەم قىلىش قاتارلىق بەش جەھەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ۋاڭ خۇي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: 2020-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 10 مىليون 710 مىڭغا يەتتى. ھازىر، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە قايتتى ئوقۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت ئۆلچىمى ۋە كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرمەكتە.