2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى مىڭ يىللىق توغراق.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسىدىكى مىڭ يىللىق توغراق باشقىچە گۈزەل تۈسكە كىردى. يازنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى مىڭ يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن توغراقلار يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدا تېخىمۇ روشەن گەۋدىلىنىپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.