تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگونىڭ ياردىمى «ئوخشاش بىر ئاسماننىڭ ئاستىدا ياشايدىغانلىقىمىز»غا گۇۋاھ بولدى

− قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش    جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خەنزۇ تىلىنىڭ پىنيىنى بىلەن «رەھمەت، سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» دەپ يېزىلغانىدى؛ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا «جۇڭگولۇقلار، ھەقىقىي دوستىمىز» دەپ خۇرسەن بولدى؛ بالكوندا «پىدائىيلار مارشى» ياڭراپ، مەھەللىدىكى بارغانسېرى كۆپ كىشىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كوللېكتىپنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ھەيۋەتلىك مۇزىكىنى شەكىللەندۈردى... يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ خەتەرلىك، قىيىن پەيتتىكى سەمىمىي ياردىمى چەت ئەل خەلقىنى چىن قەلبىدىن تەسىرلەندۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر مەيدانغا كېلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا ئىنكاس قايتۇرۇلدى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان قەتئىي ئېتىقاد ئۇرغۇتۇلدى.

يۇقۇمنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار. «جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى پايدىلىق ئۇسۇللاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دورا ۋە ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساشنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم يۇقۇم تارقىلىشى كۆرۈلگەن دۆلەتلەرنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم سەمىمىي خىتابنامە، شۇنداقلا كۈچلۈك ھەرىكەت. يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، «جۇڭگو پوچتا پوسۇلكىلىرى» تېز سۈرئەتتە ئەۋەتىلدى، «جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى» ئارقا - ئارقىدىن جەڭگە ئاتلاندى، «جۇڭگو تەجرىبىسى» ئايىماي ئۆگىتىلدى... تاشقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ياردەم بېرىش ۋاقتى ئەڭ مەركەزلەشكەن، چېتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان بىر قېتىملىق جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بولدى.

گەرچە باشقا - باشقا جايدا بولساقمۇ، لېكىن ئوخشاش بىر ئاسماننىڭ ئاستىدا ياشايمىز. جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ قىيىن ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەرگەن مەدىتى ۋە ياردىمىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. جياڭسۇ ۋۇشىنىڭ شىنۋۇ رايونى دەسلەپتە دوست شەھەر ياپونىيەنىڭ فېڭچۇەن شەھىرى ئىئانە قىلغان 4500 دانە ماسكىنى تاپشۇرۇۋالغانىدى، دوست شەھەردە ماددىي ئەشيالارنىڭ ئىنتايىن قىس بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال 50 مىڭ دانە ماسكىنى قايتۇرۇپ ئىئانە قىلىشقا تېزدىن تەشكىللىدى؛ ئىتالىيە دەسلەپتە جۇڭگوغا 40 مىڭ دانە ماسكا سوۋغا قىلغانىدى، جۇڭگونىڭ قايتۇرۇپ ئىئانە قىلغىنى نەچچە مىليونغا يەتتى؛ رۇسىيە ئىلگىرى 2 مىليون دانە ماسكا سوۋغا قىلغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق جۇڭگودىن كەلگەن 150 مىليون دانە ماسكىنى تاپشۇرۇۋالدى؛ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلار ئىلگىرى بەس - بەستە جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قولىنى سۇنغانىدى، ھازىر جۇڭگو ئامېرىكىنى تەمىنلىگەن ماسكا جەمئىي 6 مىليارد 600 مىليون دانىدىن ئېشىپ كەتتى... ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 150 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن ياكى تەمىنلەۋاتىدۇ، ھەم پائال تۈردە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا سودا قىلىشى، سېتىۋېلىشىنى قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بىر تامچە سۇنىڭ مېھرىنى بىر بۇلاقنىڭ سۈيى بىلەن قايتۇرۇش كېرەك، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنە، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان ئەخلاق گېنى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامراپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى. ھەربىر ھاياتلىققا سەمىمىي ھۆرمەت قىلىپ، ھەربىر ئاغرىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدىن ئايرىلالمايدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە يەر شارىۋى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشمۇ ئوخشاشلا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدىن ئايرىلالمايدۇ. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تور بىلىم مەركىزى قۇردى، نەچچە ئون مەيدان مۇتەخەسسىسلەر سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى، زور مىقداردىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى... جۇڭگو دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، قۇربى يېتىدىغان دائىرىدە ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان قىممەت قارىشىنى چىقىش قىلغانلىق، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە مېھىر - مۇھەببىتىنى نامايان قىلغانلىق. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، جۇڭگو ئەزەلدىن دوستلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قول قوۋۇشتۇرۇپ چەتتە قاراپ تۇرمايدۇ، ئۆزىنى چەتكە ئالمايدۇ، شۇنداقلا ياردەم قولىنى سۇنغاندا شەخسىي مەنپەئەت، قوشۇمچە شەرتلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. بۇنداق تىرىشچانلىق ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇنداق بەدەل تۆلەش تارىخ تەرىپىدىن مەڭگۈ ياد ئېتىلىدۇ.

«بىز ئوخشاش بىر دېڭىزنىڭ دولقۇنلىرى، ئوخشاش بىر دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى، ئوخشاش بىر باغنىڭ گۈللىرى». دەل جۇڭگو سىرتنى تەمىنلىگەن ياردەم ماددىي ئەشيالىرىغا يېزىلغان ئىتالىيەنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزىدىكىدەك، ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن ئىبارەت بىرلا يۇرت - ماكانى بار، ھەرقايسى دۆلەتلەر «يەر شارى كەنتى»دە بىللە تۇرىدۇ. تۇيۇقسىز تارقالغان بۇ مەيدان يۇقۇم كىشىلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئالدىدا ھەرقانداق دۆلەتنى ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ھازىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاللىبۇرۇنلا بىر دۆلەت، بىر شەھەرنىڭ ئىشى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش جېڭى، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى قوغداش جېڭى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداش جېڭى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ تاشقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىش بولماستىن، بەلكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغانلىقى، ئۇ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلىك بولماستىن، بەلكى جاھاننىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلىك، بۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئالاقىدە توغرا بولغان ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى.

يەر شارىۋى يۇقۇم چوڭ سىنىقى ئالدىدا، ھېچقانداق دۆلەت يالغۇز جەڭ قىلالمايدۇ، ھەرقانداق جاي غايىۋى گۈزەل دۇنيا بولالمايدۇ. ئىنسانلار بىر مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، بۇ سىياسىي خاراكتېرلىك خىتاب بولماستىن، بەلكى ھەر كۈنى ئەتراپىمىزدا يۈزبېرىۋاتقان رېئاللىق. ھەر بىر دۆلەت يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەندىلا، پۈتۈن يەر شارىدا ئاندىن ئاممىۋى بىخەتەرلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، جۇڭگو باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەردى، ئارزۇسى سەمىمىي، ھەرىكىتى ئاڭلىق بولدى. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقتىمۇ، خەۋپ - خەتەردىمۇ بىللە بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو تەجرىبىسى، جۇڭگو كۈچىنى پائال قوشىدۇ. چۈنكى بىز ھەرقايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولغاندىلا، ئاندىن يۇقۇمغا قارشى جەڭدە تولۇق غەلىبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ