تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يارمەھەللە كەنتىنىڭ بەختلىك بىر يىلى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ يى، جوۋ پېڭ، ليۇ يىمىڭ، نيې نىڭ

[ئاخبارات سىزمىسى]

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، يارمەھەللە كەنتىدىكى گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش ئاھالىسى مۇسا مەتتۇرسۇن(ئوڭدا) سەبدەرگۈل مايسىسى سېتىۋالغان كەنت ئاھالىسىگە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپرى سىزغان)

[ئىستون سۆزى]

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش تاماملىنىدىغان يىل. ھازىر، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات قورغانغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغالدى.

يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭ گېزىتى تۆت پۈتۈن تاراتقۇ شۆبە ئەترىتىنى ئون نامرات ناھىيەگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا - كەنت، قورۇلارغا كىرىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۈتۈن تاراتقۇ شەكلىدە بىرىنچى سەپتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىزغىن كۆرۈنۈشلەرنى ھەر جەھەتتىن خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش . بىرىنچى سەپتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» ئىستونى ئېچىپ، شۆبە ئەترەتلەر بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىگىلىگەن، قازغان جانلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتەك جانلىق ئەمەلىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىدۇ.

قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى بىر كىچىك كەنتتە، يىلمۇيىل داۋاملىشىدىغان ئادەتتىكى تۇرمۇش داۋامىدا، تەدرىجىي ئۆزگەرگەن كۈچ توپلانماقتا، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش نۇرى چاقنىماقتا.

4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مۇخبىرلار كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى يارمەھەللە كەنتىگە كەلدى، ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرمەسلىك ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ ئالمىشىشى داۋامىدا نۆۋەتلىشەتتى. كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئۈستبېشىدىكى توپا، يەنە يىراقتا ھۇۋلاۋاتقان قۇم - بوران، بۇ يەنىلا مۇخبىرلار بۇلتۇر بارغان قۇملۇقنىڭ چېتىنى چىڭ ساقلاۋاتقان ئاشۇ كىچىك كەنتتەك قىلاتتى. ھالبۇكى، كەنتتىكى پاكىز، رەتلىك يوللار، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېپيېڭى ھويلىلىرى، يەنە كىشىلەرنىڭ ئۈمىدكە تولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن تۇرمۇش ھالىتىنى كۆرگەندە، بۇ، نامراتلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئاشۇ كەنت ئەمەستەك قىلاتتى.

2019 - يىلى 4 - ئايدا، گېزىتىمىز شۆبە ئەترەت ئەۋەتىپ، يارمەھەللە كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى ئەمەلىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانىدى. قىسقىغىنا بىر يىلدا، يارمەھەللە كەنتىدە ناھايىتى كۆپ ئۆزگىرىش بولدى.

خۇددى بۇ كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى كوۋ شيەنمىن ئېيتقاندەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى.

كەسىپلەر تېخىمۇ ئەلالاشتى كىرىم تېخىمۇ كۆپەيدى

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەتىگەندىلا، كەنت ئاھالىسى مۇسا مەتتۇرسۇن ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىغا كېلىپ، سەبدەرگۈل مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتتى. ياپيېشىل گۈل مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، مۇسا بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى.

«بۇلتۇر 12 - ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە 4500 يۈەن كىرىم قىلدىم، پۈتۈن يىللىق كىرىمىمنىڭ 20 مىڭ يۈەنگە يېتىشىدە گەپ يوق» دېدى مۇسا خۇشال ھالدا.

ياڭاق ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنىدىغان يارمەھەللە كەنتىدە، سەبدەرگۈل پۈتۈن كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان كېيىنكى قەدەمدىكى بىر يېڭى كەسىپكە ئايلىنىدۇ. مۇسانىڭ خىزمىتى دەل پارنىكتا پۈتۈن كەنت ئۈچۈن سەبدەرگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش بولۇپ، بۇ، پۈتۈن كەنتنىڭ سەبدەرگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى.

يارمەھەللە كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى مىڭ جىڭلېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، كەنت يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، 600 مودىن ئارتۇق يەرگە سەبدەرگۈل تېرىشنى ھەم شۇ جايدىكى كارخانىلار بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

«بۇرۇن مەن تېرىش تېخنىكىسىنى بىلمەيتتىم، لېكىن ھازىر بۇ جەھەتتە قىينالمايدىغان بولدۇم.» مۇسا مۇنداق دېدى: سەبدەرگۈل مايسىسىنى يېتىشتۈرۈش مەزگىلىدە، يېزا تېخنىك خادىملارنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا مەخسۇس ئەۋەتتى.

نۆۋەتتە، كەنتتىكى يەتتە پارنىكنىڭ ھەممىسىدە سەبدەرگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈلدى، بۇ، بۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە بۇ رايوننىڭ سەبدەرگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

ياڭاق يارمەھەللە كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپ، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرگىلى بولۇش بۇلتۇرقى بىر يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىدى. مىڭ جىڭلېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بىر يىلدىن بۇيان، كەنت 2800 مو يەردىكى ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇتاش، شالاڭلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، ياڭاق ئۆستۈرۈش، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ياڭاق مو بېشى كىرىمىنى 150 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇردى.

«كېيىنكى قەدەمدە بىز سەبدەرگۈلنى ياڭاقلىققا كىرىشتۈرۈپ تېرىشنى سىناق قىلىپ، ياڭاقلىققا بۇغداي كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىمىز، بۇنىڭ بىلەن ياڭاقلىقنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.» مىڭ جىڭلېي مۇنداق دېدى: مۆلچەرىي ھېسابلىغاندا، بىر مو سەبدەرگۈلدىن 1500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى تېخىمۇ كېڭەيدى ئىشەنچ تېخىمۇ ئاشتى

يارمەھەللە كەنتىنىڭ بەختى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، يەنە بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئىنتىلگەن تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىدىمۇ ئىپادىلەندى.

بۇ يىل، 33 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى بۇسارىخان مەتتۇرسۇن كەنت ئامما خىزمىتى پونكىتىنىڭ مەخسۇس كادىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

«كەنتنىڭ خىزمەتچى خادىمى بولۇپ، يۇرتداشلارغا ياردەم بېرىپ كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىش مېنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇيۇم.» بۇسارىخان مۇنداق دېدى: ھازىر مېنىڭ ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يەنە كومپيۇتېر ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ تۇرمۇشۇمنىڭ ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

ئائىلە شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بۇسارىخان داشۆدە ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپقان. يېشى كىچىك ھەم كەسپىي ماھارىتى بولمىغاچقا، ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىغان. توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن، بۇسارىخان زېھنىنى بالا بېقىشقا سەرپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئائىلىسى ئېرىنىڭلا پۇل تېپىپ ئائىلىنى بېقىشىغا تايانغاچقا، غۇربەتچىلىكتە كۈن ئۆتكۈزگەن. كەنت كادىرلىرى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەربىيەلەش ۋە سىناش ئارقىلىق، ئۇنى ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان.

«مېنىڭ ھازىر مۇقىم خىزمىتىم بار بولۇپلا قالماي، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ئېرىممۇ خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالايدۇ» دېدى بۇسارىخان.

ئۆتكەن بىر يىلدا، يارمەھەللە كەنتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق تەكشۈردى ھەم ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىگىلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەتراپتىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن يېڭى خىزمەت ئورنى تاپتى، بۇسارىخانغا ئوخشاش ئىشلەش ئارزۇسى بار، ئەمما ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كەمچىل بولغان كەنت ئاھالىلىرىگە نۇقتىدىن - نۇقتىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى.

نۆۋەتتە، يارمەھەللە كەنتىدە 625 كەنت ئاھالىسى ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇسارىخانغا ئوخشاش زور بىر تۈركۈم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ ئاشتى.

مۇھىت تېخىمۇ گۈزەللەشتى تۇرمۇش تېخىمۇ ياخشىلاندى

كەنت ئاھالىسى مەتتۇردى نۇرنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئەسلىدە قالايمىقان ھويلا - ئارانلار رەتلىك ھالدا تۇرمۇش رايونى، باقمىچىلىق رايونى، تېرىقچىلىق رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، يېشىللىق بىلەن زىننەتلىنىپ، ھويلا - ئاران ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. ئۆيگە كىرگەندە، سافا، كىيىم ئىشكاپى قاتارلىق ئۆي جاھازلىرى رەتلىك قويۇلغانىدى، گەرچە ئۆي ئىچى بەك ئېسىل، نەپىس بېزەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىگە پاكىز، رەتلىك، ئازادە تۇيغۇ بېرەتتى.

مەتتۇردى مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، ئۆيىمىزنى كەينى - كەينىدىن توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور، كىرئالغۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن تولدۇردۇق، بۈگۈنكى كۈندە، يەنە مۇنچا ئورناتتۇق، سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانىمىز بار، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز شەھەرلىكلەرنىڭكىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ.

ھەر كۈنى ئېتىزدىن ئىشلەپ قايتىپ كەلگەندە، مەتتۇردى ئادىتى بويىچە ئالدى بىلەن قولىنى يۇيۇپ، كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆزىنى پاك - پاكىز تۈزەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىش ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى يارمەھەللە كەنتىدە ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى.

«ئوغلۇمنىڭ قايتىپ كېلىش قېتىم سانى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدى!» مەتتۇردى چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەھەردە قېلىپ خىزمەت قىلدى، ئۇ ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا يۇرتىمىزنىڭ قىياپىتى يەنە ئۆزگىرىپتۇ، كەنت بارغانسېرى پاكىز، مۇھىت بارغانسېرى گۈزەل بولۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ».

ھازىر، مەتتۇردى بىلەن خوتۇنى ھويلىسىدا كۆكتات تېرىدى، كەپتەر باقتى، ھەر يىلى كەپتەر بېقىشقا تايىنىپ 6000 يۈەن تاپالايدىغان بولدى، ئىشىك ئالدىدىكى دۇكىنىنىمۇ يېڭىلاپ، بىر يىلدا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختى مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان ھويلا - ئارانغا مۇجەسسەملەنگەنىدى.

مىڭ جىڭلېي مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، يارمەھەللە كەنتىدىكى 373 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ھويلا - ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىپ، «ئۈچ رايوننى ئايرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، %85 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە پاكىز ھاجەتخانا بار بولدى، كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى رەتلىدى، يارمەھەللە كەنتى بېيىش بىلەن بىللە، يەنە ئولتۇراقلىشىشقا بارغانسېرى ماسلاشتى.

مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندىكى يارمەھەللە كەنتى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ