تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى فاڭخۇڭ: قارا يامغۇردىكى مەڭگۈلۈك ھايات

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ چاڭ

لى فاڭخۇڭنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، بېيجىڭدا پەۋقۇلئاددە زور قارا يامغۇر ياغدى. بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سابىق يەنشەن شۆبە ئىدارىسى (ھازىرقى فاڭشەن شۆبە ئىدارىسى) شياڭياڭلۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى لى فاڭخۇڭ سەپداشلىرى بىلەن يامغۇرغا قارىماي كەنت ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش، قۇتقۇزۇش جەريانىدا بەختكە قارشى قۇربان بولدى.

ئۇ، بېيجىڭ ئۇچرىغان مىسلى كۆرۈلمىگەن قارا يامغۇر ھۇجۇمى ئىدى. شياڭياڭلۇ ساقچىخانىسى تەۋەلىك رايونىدىكى فېڭخۇاڭتىڭ كەنتىنىڭ يەر شەكلى ئويمان بولغاچقا كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شۇ كۈنى شەنبە بولۇپ، لى فاڭخۇڭ نۆۋەت بىلەن ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتاتتى، چۈشتىن كېيىن ئۇ يامغۇرنىڭ توختايدىغان ئەلپازى يوقلۇقىنى كۆرۈپ ئۇدۇل كەنتكە قايتىپ كەلدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەر ئەتراپىدا، يامغۇر بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى، تۆت سۇ پومپىسى بىلەن سۇ تارتىلغان بولسىمۇ، سۇ ئورنىنىڭ ئۆرلىشىنى توسۇپ قالالمىدى. لى فاڭخۇڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يەر شەكلى ئېگىزرەك جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈشنى قارار قىلدى.

لى فاڭخۇڭ بىر ئارغامچا تېپىپ كېلىپ، بىر ئۇچىنى چوڭ دەرەخكە باغلىدى، يەنە بىر ئۇچىنى يەر شەكلى ئېگىزرەك جايدا تۇرغان كەنت ئاھالىلىرىگە تۇتقۇزدى، بۇ ئارغامچا بىر «ھاياتلىق لىنىيەسى»گە ئايلاندى.

لى فاڭخۇڭ بوران - چاپقۇنغا قارىماي، خەلق ساقچىلىرى ۋە كوچا باشقارمىسىنىڭ كادىرلىرىنى باشلاپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاممىنى يۆتكىدى. بىر كىچىك دۇكاندا، ئۇ يەنە بىر ياشانغان كىشى بىلەن بىر قىزچاقنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئىككى قېتىم بېرىپ - كېلىپ ئۇلارنى يۈدۈپ بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ قويدى. كەچ سائەت 7 بولاي دېگەندە قاراڭغۇ چۈشتى، لى فاڭخۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن 63 كەنت ئاھالىسىنى يۆتكەپ بولدى، لى فاڭخۇڭ ئۆزىلا 16 - 15دەك كەنت ئاھالىسىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.

بارلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىزدەشنى باشلىدى. شياڭياڭ كوچا باشقارمىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ ۋېي بىر ئۇزۇن ئارغامچىنى ئېلىپ، تۆت كىشىلىك قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ ئالدىغا بارماقچى بولغاندا، سۇدا تامنى تۇتۇپ مېڭىۋاتقان لى فاڭخۇڭ توسۇۋېلىپ: «يەنىلا مەن ئاۋۋال كېلەي» دېگىنىچە ئۇنىڭ قولىدىن ئارغامچىنى ئالدى.

بىللە كېتىۋاتقانلار كەنت شىتۇ يولىنىڭ شىمالىدىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقاندا، يول ئۈزۈلۈپ قالدى. «كۆپچىلىك جىددىيلەشمەڭلار، مەن ئاۋۋال بېرىپ ئەھۋالنى كۆرۈپ باقاي.» لى فاڭخۇڭ سۆزىنى تۈگىتىپلا قاراڭغۇدا داۋاملىق ئالدىغا مېڭىپ ئىزدىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى بولۇپ قالدى. تۇيۇقسىز، ئېلېكتىر نۇرى ۋاللىدە چاقنىدى، يول بويىدىكى زەرەتلەنگەن بىر پولات ئارغامچا لى فاڭخۇڭنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

لى فاڭخۇڭ 1966 - يىلى تۇغۇلغان، 1984 - يىلى 12 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، سەككىز قېتىم شەخسلەر بويىچە تەقدىرلەنگەن. ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: بىز ھەر كۈنى قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمەت ئەرزىمەس كىچىك ئىشلار، مەڭگۈ بىر تەرەپ قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قوشنىلار ئارىسىدىكى زىددىيەت - ماجىرالاردۇر. ئەگەر مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىنمىسا، شۇ جاينىڭ ئامانلىقىغا تەسىر يېتىشى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

2006 - يىلى، لى فاڭخۇڭ شياڭياڭلۇ ساقچىخانىسىنىڭ جېڭۋېيلىقىدىن ساقچىخانا باشلىقلىقىغا ئالماشتى. تەۋەلىك رايونىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 10 مىڭغا يېقىن بولۇپ، يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر چوڭ ئىدى.

لى فاڭخۇڭ ئىشنى ئاساستىن باشلىدى، بىر تەرەپتىن، شارائىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تەۋەلىك رايونىدىكى ئورۇنلار، ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، ئىجارە ئۆيلەرنى ئاشكارىلاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى. شۇ يىلى، تەۋەلىك رايونىدا ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش دېلوسى %54.5 تۆۋەنلىدى.

خىزمەتتە، لى فاڭخۇڭ ھەمىشە ئۆزى ئۈلگە بولاتتى. ساقچىخانىدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇ خىزمەت نۆۋىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت سىجىللىقىنى يېنىكلىتەتتى، ھەتتا ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدا باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەپ بېرەتتى. «ھەر قېتىملىق ھەرىكەتتە، خەتەر بولسىلا لى ساقچىخانا باشلىقى ھەمىشە ئەڭ ئالدىدا ماڭاتتى» دېدى خەلق ساقچىلىرى ئەسلەپ.

ئۇ ساقچىخانا باشلىقى بولغان بىرقانچە يىلدا، شياڭياڭلۇ ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش خىزمىتى ئۇدا كۆپ يىل سابىق يەنشەن جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئامانلىق خىزمىتى 2010 - يىلى شۆبە ئىدارە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ساقچىخانا بىر قېتىم كوللېكتىپ 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى ھەم فاڭشەن رايونلۇق سىياسىي - قانۇن كومىتېتى تەرىپىدىن «بەشتە ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى» بولۇپ باھالاندى.

2012 - يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت لى فاڭخۇڭنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى لى فاڭخۇڭغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ