تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى تارقاتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە 1 مىليارد 48 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى تارقاتقان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %306.2 ئېشىپ، قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەنى قەرز پۇل تارقىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەدىكى ناھىيەلىك تارماق بانكىلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چىڭ كۆزلەپ، نىشان - ۋەزىپە بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تولۇق قاپلاشنى يولغا قويدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكا باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، 2 - دەرىجىلىك شۆبە بانكا ۋە ناھىيە دەرىجىلىك تارماق بانكىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى. 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيە ماركىتېڭ زاپىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 123نى تاماملىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە 5 مىليارد يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىكەن.

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئون نامرات ناھىيەنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يىرىك پىلانى بويىچە، مەۋقەنى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە بازار ئېھتىياجىغا قويۇپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئائىلىلەرگىچە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش + باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى + نامرات ئائىلە» قاتارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى خەۋپ - خەتەر تولۇقلىمىسى قاتارلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلىغىنى نۇقتىلىق ھالدا گۆش قويى كەسىپ باغچىسى قۇرۇلۇشى، مىللىي خاسلىققا ئىگە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، يەم - خەشەك خام ئەشياسى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە سېلىپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، خاس پىششىقلاش ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»قا 38 تۈرلۈك ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئاساسىدا، يەنە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش قەرز پۇلى مەھسۇلاتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش، نامراتلارنى يۆلەشكە ئىشلىتىلمەيدىغان قەرز پۇلىغا ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتىنى يولغا قويۇش، نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى كېپىللىك فوندى ۋە خەۋپ - خەتەر تولۇقلىمىسى فوندى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، قەرز بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، قەرز بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش قاتارلىق ئون تۈرلۈك ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئادەم، مال - مۈلۈك قاتارلىق بايلىقلارنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولدى ھەم قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە قەرز پۇلى بېرىشتە تېز سۈرئەتلىك قەرز بېجىرىش يولى ئېچىپ بېرىپ، «ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى