تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى چاۋ: ھايات - ماماتلىق تاللاش قەھرىماننىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلدى

قوراللىق ساقچى قىسىم جياڭشى باش ئەترىتى گەنجوۋ تارماق ئەترىتى نىڭدۇ ئوتتۇرا ئەترىتىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقاندا لى چاۋ (ئوڭدا) سەپداشلىرى بىلەن بىللە قان تەقدىم قىلىشقا قاتناشماقتا. (2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لى بىن فوتوسى)

ليۇ شىنساۋ    شيەن شۈن    خې زۇڭماۋ

«لى چاۋ!» قوراللىق ساقچى قىسىم جياڭشى باش ئەترىتى گەنجوۋ تارماق ئەترىتى نىڭدۇ ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى نۆۋەتچى خادىم ھەر كۈنى كەچتە يوقلىما قىلغاندا، دائىم بىرىنچى بولۇپ بۇ ئىسىمنى چاقىرىدۇ.

بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تەكشى ئاۋازدا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بار!»

لى چاۋ جياڭشى فېڭچېڭدىن، 2008 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە كىرگەن، 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن. 2012 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لى چاۋ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا ئوغرىلىق قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، قارا نىيەت بىلەن ھايات - ماماتلىق ئېلىشىپ، بەختكە قارشى يۈرىكىگە پىچاق تىقىلىپ، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

«ھەر قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، لى چاۋ دائىم سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشنى تالىشاتتى.» ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ شەرەپ ئۆيىدىكى كۆرگەزمە ئىشكاپىغا، لى چاۋنىڭ ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن بىر قۇم قاچىلانغان جىلىتكىسى ۋە بىر ئوقدان تىزىلغانىدى. ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جىداۋيۈەنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەربىي سەپكە كىرگەن ئىككى يىلدا، لى چاۋ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاسادىپىي يۈزبەرگەن ئون نەچچە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان، جىنايەت گۇماندارىدىن ئالتىنى قولغا چۈشۈرگەن.

2010 - يىلى 4 - ئايدا، نىڭدۇ ناھىيەسى ياڭشاجوۋ كەنتىدە ئېغىر ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈزبەرگەن، لى چاۋ بۇيرۇققا بىنائەن ئوتتۇرا ئەترەت بىلەن خەۋپتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. نەق مەيداندا قارا يامغۇر قۇيۇۋەتكەن، نۇرغۇن ئۆيلەرنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن. لى چاۋ بىلەن سەپداشلىرى ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە ئەشيالارنى جىددىي يۆتكىگەن.

لى چاۋ ئەڭ ئاخىرقى بىر چوڭ ئانىنى بىخەتەر جايغا يۆتكەۋاتقاندا، 80 نەچچە ياشلىق بىر بوۋاي ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «قوراللىق ساقچى يولداش، سىزدىن ئۆتۈنەي، مېنى ئۆيۈمگە ئېلىپ بارسىڭىز، مېنىڭ 30 مىڭ يۈەن پۇلۇم ئۆيدە قالغان، ئۇ مېنىڭ ئائىلەمنىڭ بارلىق بىساتى ئىدى...»

«كېسەك ئۆيلەر سۇ ئىچىدە قالدى، قايتىش بەك خەتەرلىك!» يۇرتداشلار بەس - بەستە بوۋايغا نەسىھەت قىلغان.

لى چاۋ بۇنى كۆرۈپ دەرھال بوۋاينى يۆلەپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بوۋا، جىددىيلەشمەڭ، مەن سىزگە ھەمراھ بولۇپ، پۇلىڭىزنى ئېلىپ كېلەي.» ئۇ شۇنداق دەپلا كاتېرنى ھەيدەپ، بوۋاينى سېلىپ كونا ئۆينىڭ ئالدىغا بارغان. بۇ چاغدا، سۇ ئىچىدە قالغان كېسەك ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، ئەگەر كاتېر داۋاملىق يېقىنلاشسا ھەر ۋاقىت خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار ئىدى. لى چاۋ كۆكرىكىگە كېلىدىغان سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، شوتىنى مۈرىسىگە ئېلىپ بوۋايغا ھەمراھ بولۇپ ئىلگىرىلىگەن، بوۋاي ئاخىر شوتىغا يامىشىپ چىقىپ ئۆينىڭ بالىخانىسىغا چىقىپ، 30 مىڭ يۈەننى ئالغان. ئۇلار ئايرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن...

بىر قېتىم لى چاۋ سەپداشلىرى بىلەن ناھىيە بازىرىدا چارلاۋاتقاندا، ئامما ئۇلارغا ئالدى تەرەپتە بىرەيلەننىڭ يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان تاكسىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. ئۇلار تېزدىن نەق مەيدانغا بارغان. بىر جىنايەت گۇماندارى قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ - تېنەپ قاچقان. لى چاۋ باتۇرلۇق بىلەن قوغلاپ، ئۇنى يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا توسۇۋالغان. قارا نىيەت ئۇچىغا چىققان ياۋۇزلۇق بىلەن پىچىقىنى چىقىرىپ، تەلۋىلەرچە قارشىلىق كۆرسەتكەن. لى چاۋ چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىرلا ۋارقىراپ، ساقچى كالتىكى بىلەن قاتىللىق قورالىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۆزى يالغۇز قارا نىيەتنى بويسۇندۇرغان.

لى چاۋنىڭ ئائىلىسى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى، ئەمما سەپدىشىنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ، زور داۋالاش ھەققىگە ئېھتىياجلىقلىقىنى ئۇققاندا، لى چاۋ ئىككىلەنمەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلغان. چىڭخەي يۈشۇدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، لى چاۋ ئەسلىي ئاپىسىنىڭ ئۆيگە خىراجەت قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتمەكچى بولغان 1000 يۈەن پۇلنى ئىئانە قىلغان.

كېيىن، لى چاۋ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان، ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «بىر كۈن ھەربىي فورما كىيسە، بىر ئۆمۈر ھەربىي بولىدۇ».

2012 - يىلى، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، لى چاۋ ئاممىۋى ئاپتوبۇستا بىر ئوغرىنىڭ بوۋاينىڭ ھەميېنىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان، لى چاۋ ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇنى تۇتۇۋالغان، ئوغرىغا ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگۈزگەن.

كۈتۈلمىگەندە، ئوغرىنىڭ بىر شېرىكىمۇ ئاپتوبۇستىن چۈشكەن، ئۇ پىچاقنى چىقىرىپ لى چاۋغا تىققان. لى چاۋ خەتەر ئالدىدا قورقماي، ئىككى قارا نىيەت بىلەن ئېلىشقان، قارا نىيەتلەر ئۇنىڭ دۈمبىسى ۋە كۆكرىكىگە ئارقا - ئارقىدىن ئىككى پىچاق تىققان. قارا نىيەتلەر بۇنى كۆرۈپ ئالاقزادىلىك بىلەن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن... خەلق ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، ئەپسۇسلىنارلىقى، لى چاۋ يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

لى چاۋ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «فېڭچېڭ شەھىرى بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان» «جياڭشى ئۆلكىسى بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نام تولۇقلاپ بېرىلگەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى نەنچاڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ