تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يەن گاۋخۇڭ: نەمۇنىلىك نەزەرىيە خىزمەتچىسى

مېي شىشيۇڭ لو جىنمۇ

بۇ، دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ياقلاش تېمىسى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۈرەتكە تارتىلغان يەن گاۋخۇڭ (2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

چىڭمىڭنىڭ ئالدىنقى كۈنى، نۇرغۇن كىشى ماسكا تاقاپ دۆلەت مۇداپىئەسى داشۆسى سىياسىي شۆيۈەنىدىكى بىر ھەيكەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ چوڭقۇر تەزىم قىلدى...

ھەيكەلنىڭ باش قەھرىمانى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «نەمۇنىلىك نەزەرىيە خىزمەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام تولۇقلاپ بېرىلگەن دۆلەت مۇداپىئەسى داشۆسى سىياسىي شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى يەن گاۋخۇڭ ئىدى. 2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ياقلاش تېمىسى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.

يەن گاۋخۇڭ ئەنخۇينىڭ گۇاڭدېدىن بولۇپ، 1968 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان، ئىلگىرى ئەسلىدىكى نەنجىڭ سىياسىي شۆيۈەنى ئىلمىي ژۇرنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى بولغان.

1978 - يىلى، يەن گاۋخۇڭ ئىككى پارچە يۆتكەش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان: بىر پارچىسى ئەسلىدىكى نەنجىڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمى تەشۋىقات بۆلۈمىگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەش، بىر پارچىسى ئەسلىدىكى نەنجىڭ سىياسىي شۆيۈەنىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىدى. ئۇ ئورگانغا كىرىشنى تاللىماي، بەلكى مۇنبەرگە چىقىشنى قارار قىلغان.

قىسىمدىن مەكتەپكە كېلىپ، يەن گاۋخۇڭ ناھايىتى تېزلا نەزەرىيە تەتقىقاتىغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۈزۈپ چىقىپ، پەلسەپە كەسپىدە تۇنجى بولۇپ مۇنبەرگە چىققان ياش ئوقۇتقۇچى، دەرس ئۆتۈش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇرغان تۇنجى ياش ئوقۇتقۇچى، يەككە باب - پاراگرافلىق مەزمۇنلارنى سۆزلەشتىن بىر پۈتۈن دەرسلىكنى سۆزلەيدىغان تۇنجى ياش ئوقۇتقۇچى، يادرولۇق ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلغان تۇنجى ياش ئوقۇتقۇچىغا ئايلانغان...

يەن گاۋخۇڭنىڭ قارىشىچە، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش پەقەت ئاساس سالغانلىق، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم باسقۇچى ۋە ئىدېئولوگىيە خىرىسقا دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور پەيتتە، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى جەزمەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قوغدايدىغان جەڭچى بولۇشى كېرەك ئىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى 90 - يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، يەن گاۋخۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن «تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرژۇئازىيەچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك لېكسىيەلەرنى ۋاقتىدا تەسىس قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە «جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى» دەرسىنى ئالدىن تەسىس قىلىپ، خاتا پىكىر ئېقىمىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەرگەن.

پارس قولتۇقى ئۇرۇشى باشلىنىپ، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئۇرۇش قارىشى ۋە جەڭ قىلىش شەكلى يەن گاۋخۇڭنىڭ تەپەككۇر ۋە ئىستراتېگىيەگە بولغان ئويلىنىشىنى قوزغىغان. ئۇ ئەسلىدىكى نەنجىڭ سىياسىي شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى بى ۋېنبو بىلەن بىللە ھەربىي ئىشلار تەپەككۇرشۇناسلىقى پەن قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. 2000 - يىلى، ھەربىي ئىشلار تەپەككۇرشۇناسلىقى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار پەن تەتقىقات خىزمىتى بويىچە «10 - بەش يىل»لىق پىلان تېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان 31 يىلدىن بۇيان، مەسئۇل مۇھەررىرلىك خىزمىتى ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتتىمۇ، يەن گاۋخۇڭ ھەر يىلى 250 سائەتتىن ئارتۇق دەرسنى ئۈستىگە ئالغان؛ ئىلمىي ژۇرنال تاپشۇرۇۋالغان ئەۋەتىلگەن ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇ ئۆزى كۆرۈپ چىققان، يەنە دائىم ماقالە ئەۋەتكۈچى بىلەن تۈزىتىش ئىشلىرىنى يۈزتۇرا سۆزلەشكەن؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، ئىلىم بويىچە تەربىيەلىنىش يوشۇرۇن كۈچىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن...

ھايات ۋاقتىدا، يەن گاۋخۇڭ دېيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئابزاس سۆز بولسا: ماركسىزم نەزەرىيەسى مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇش ئۈچۈن، زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرىپ، ئاددىي - ساددىلىققا كۆنۈپ، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق؛ چىن قەلبىدىن ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئارمانسىز كېتىش كېرەك...

يەن گاۋخۇڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يولداش يەن گاۋخۇڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلدى، شۆيۈەن پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس «يەن گاۋخۇڭ فوندى» تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا «يەن گاۋخۇڭ مۇكاپاتى»، «4 - ماي» ياشلار بايرىمىدا «يەن گاۋخۇڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تارقىتىشنى بېكىتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۆزلۈكىدىن «يەن گاۋخۇڭ ناخشىسى»نى يېزىپ يەن گاۋخۇڭنىڭ ھېكايىسىنى ناخشا ساداسىغا جور قىلىپ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا يەتكۈزمەكتە.

«ۋاقىت بىر ئۆلچەملىك» «مېنىڭ دېگىنىم دەل مېنىڭ ئىشەنگىنىم، مېنىڭ ئىشەنگىنىم دەل مەن شۇ بويىچە قىلغىنىم»... سىياسىي شۆيۈەندە، يەن گاۋخۇڭنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى كىتاب ئايرىغۇچ، ئۈستەل كالېندارى ۋە تەشۋىقات ئېلانى قىلىپ ئىشلەندى، مەيلى كىتابلارنى ۋاراقلىغاندا ياكى دەرسخانىغا كىرگەندە بولسۇن، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر مەيدان زامان ۋە ماكان ھالقىغان سۆزلىشىشنى باشلىغاندەك بولىدۇ −

يەن گاۋخۇڭ مەڭگۈ دەرستىن چۈشمىگەن ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش ئەۋلادمۇئەۋلاد كېيىنكىلەرنى يېتەكلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ