تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «ئەجەللىك» مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «ئەجەللىك» مەسىلىنى ھەل قىلىپ،

قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش. يېزا - كەنتلەرنى يورۇتۇش» بويىچە توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بۇ يىل 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەدە ساقلانغان قىسمەن توك تەقسىملەش تورىدىكى «ئەجەللىك» مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ 42 مىڭ 100 ئائىلىدىكى 165 مىڭ 800 كىشىگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون ناھىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخى، ھەمراھ زاۋۇت تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى سىجىل ئاشتى، قىسمەن لىنىيەدە توك بېسىمى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىلىرى كۆرۈلدى. شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش . يېزا - كەنتلەرنى يورۇتۇش» بويىچە توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە قارىتا توك بىلەن تەمىنلەشتىكى مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، توك تەقسىملەش تورى لىنىيەسى، توك تەقسىملەش تىرانسفورموتور رايونى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق توك بىلەن تەمىنلەشتىكى كۆپ تۈرلۈك سۈپەت مەسىلىسىنى بايقىدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان توك بىلەن تەمىنلەشتىكى سۈپەت مەسىلىسىنى تۈرگە ئايرىپ ھەل قىلدى. ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش شەكلىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇش، «يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش» بىر گەۋدىلەشكەن باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇش، توك تەقسىملەش تورى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ھەم سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش، يادرولۇق رايوندا توك تەقسىملەش ئۈسكۈنىسى كەمچىل بولۇشنى تۈگىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قىسمەن توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

تۈزىتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇپ، تۈر ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ ھەل قىلىشقا توغرا كەلگەنلىرىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 176 يېزا توك تەقسىملەش تورىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا يادرولۇق ئۈسكۈنە ۋە لىنىيەلەرنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى پىلانلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش . يېزا - كەنتلەرنى يورۇتۇش» بويىچە توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ داۋاملاشما پىلانىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن 25 ناھىيە ۋە نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلگەن 3107 كەنت بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ، قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن بۇ ناھىيە، كەنتلەرنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى