تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 10 نامرات ناھىيەنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ پېيگېن، فۇ رۈي خەۋىرى) بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى يەنە 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش. يېزا ـ كەنتلەرنى يورۇتۇش» توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك 10 نامرات ناھىيەدە ساقلىنىۋاتقان قىسمەن ئېلېكتىر تورى «قىسىلىش» ۋە تۆۋەن توك بېسىمى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 42 مىڭ 100 ئائىلىلىك 165 مىڭ 800 كىشىگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.

  3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 85 تور سەپلەش لىنىيەسىگە چېتىلىدىغان 228 توك تەقسىملەش تىرانسفورموتور سۇپىسى رايونىدا، جەمئىي 340 تۈرلۈك توك بىلەن تەمىنلەشتىكى سۈپەت مەسىلىسىنى بايقىغان.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش. يېزا ـ كەنتلەرنى يورۇتۇش» توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، قاراتمىلىق ھەل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش. يېزا ـ كەنتلەرنى يورۇتۇش» توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى يەنە شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن 25 ناھىيە ۋە 3107 نامراتلىقتىن چېكىنگەن كەنتنى توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، نامرات رايونلارنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈرلۈك توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى