تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«دۆلەت يولى ئىگىلىكى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى «نامراتلارنى يۆلەش كىچىك بازىرى»دىكى تىجارەتچىلەرنىڭ كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، قۇربانجان مەمەت دۆلەت يولى 218-لىنيەسى شەھەر جەنۇبى مۇلازىمەت رايونىدا ئۇزۇن يوللۇق يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرىغا زاكاز قىلغان بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى يې شېڭلى (ئوتتۇرىدا) بىلەن چېن پېڭ دۇكان ئىگىسى جەمىلە ھېيىت (ئوڭدىن 1-كىشى)نى زىيارەت قىلىپ، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پاڭ بو خەۋىرى، لى فېي فوتوسى): 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى تارىم يېزىسى چوڭكۆل كەنتى بىلەن قوشنا بولغان دۆلەت يولى 218-لىنيەسىدىكى «نامراتلارنى يۆلەش كىچىك بازىرى»دا پات-پات ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يولۇچىلار ۋە يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ شوپۇرلىرى ۋە يولۇچىلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋېلىپ، تاماق يېگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  2018 - يىلى، بىڭتۇەن 2 - شىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى لوپنۇر ناھىيەسى شەھەر جەنۇبى مۇلازىمەت رايونى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ يېنىغا، 58 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى 150 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «نامراتلارنى يۆلەش كىچىك بازىرى»نى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى كىچىك بازارغا بېرىپ يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى، كىچىك دۇكان قاتارلىقلارنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى، ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپلا قالماي، يەنە تىجارەت كىنىشكىسى، تازىلىق ئىجازەتنامىسى، ساغلاملىق كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى بېجىرىشكە ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، «نامراتلارنى يۆلەش كىچىك بازىرى»دا تىجارەت قىلىدىغان ئالتە تىجارەتچىنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەر بولۇپ، ھەر خىل دۇكانلارنى باشقۇرۇپ رەتكە سېلىپ، ئۆتكەن-كەچكەن يولۇچى ۋە ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  «پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، ‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنۈممۇ بولمايتتى.» نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان بۇ بازاردىكى تىجارەتچى قۇربانجان مەمەت بوش ۋاقىتلىرىدا دائىم دۇتار چېلىپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى كۈيلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى