شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈر قۇرۇلۇشلىرى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.
ئۈرۈمچى خېڭدا مەدەنىيەت - ساياھەت - ساغلاملىق - كۈتۈنۈش شەھەرچىسى تۈرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 100 مىليارد يۈەن، ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 11.87 كىۋادرات كىلومېتىر، تۈردە يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، كۈتۈنىدىغان، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش قارىشى ئارقىلىق، سۇ دۇنياسى، بالىلار دۇنياسى، كۈتۈنۈش جىلغىسى، ساياھەت دۇنياسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيى باغچىسى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى باغچىسى، مەززىلىك تائاملار ماكانى بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇلغان كۆپ ئىقتىدارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت - ساغلاملىق - كۈتۈنۈش مەنزىرىلىك جايى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى خېڭدا مەدەنىيەت - ساياھەت - ساغلاملىق - كۈتۈنۈش شەھەرچىسىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، شۆھرەت زاكىر تۈر يىرىك پىلانى لايىھەسى، قۇرۇلۇش سۈرئىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى ھەم تۈر لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مەسئۇلى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇنلاردىن ئەۋزەل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ساياھەت، تۇرالغۇ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىدىغان، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۇتقا، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئومۇمىي گەۋدە ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈش يولى. ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن زەنجىرسىمان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىنى، ئۈنۈمگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاڭ چۇنلىن، خېڭدا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى شۈ جيايىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.