تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«بۇلۇت تەكلىپ قىلىش» ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى 162 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش، يىغىن مەيدانىغا كىرىپ لېكسىيە ئاڭلاش، قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاش... مەكتەپ قۇرغان «بوشلۇق قوش تاللاش يىغىنى» سۇپىسى ئارقىلىق، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئەشيا ئوبوروتى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لياڭ جيەنكۇن جۇڭگو ئىككىنچى ئېرىتىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ «بۇلۇت يۈزتۇرا ئىمتىھانى» بويىچە تەكلىپ قىلىشقا قاتناشتى. «شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنىلا مەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم» دېدى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى لياڭ جيەنكۇن مۇخبىرغا.

2 - ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەتىياز پەسىللىك توردا «بۇلۇت تەكلىپ قىلىش» پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر تۈرلۈك توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدىن 2100 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ، 162 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى ئارقىلىق 10 مىڭغا يېقىن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

لياڭ جيەنكۇنگە ئوخشاش، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئېنېرگىيە ۋە دىنامىكىلىق قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلقەم ئەمەرمۇ توردا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق سانجى شەھىرىدىن كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى. «يىل بېشىدا مەكتەپ قىسقىچە تەرجىمىھال ئىشلەش، يۈزتۇرا ئىمتىھان قاتارلىق جەھەتلەردە توردا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق يەتكۈزدى، نۆۋەتتە سىنىپتىكى يېرىمغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامەسى ھاسىل قىلدى» دېدى ئەلقەم.

يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتى ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى «بىرىنچى قول قۇرۇلۇش» سۈپىتىدە تۇتۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلدى. «مەكتەپ بارلىق خادىملار قاتنىشىدىغان بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، كەسىپكە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇردى.» شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى يۈ خۇيخۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتەپ مەكتەپ رەھبەرلىرى، شۆيۈەن، فاكۇلتېت رەھبەرلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئوقۇتقۇچىلىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قەشقەر داشۆسى «ئالاقە تورى + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «24365» توردا تەكلىپ قىلىش سۇپىسى ۋە شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت چارىسىنى تۈزۈپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر پارچە خەت ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا تىزىمغا ئالدۇرۇپ تەرجىمىھالىنى يوللىشىغا، خىزمەت ئىزدەپ كېلىشىم ئىمزالىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. مەكتەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن شىنجاڭ «مىڭ مەكتەپ، ئون مىڭ ئىش ئورنى» توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى سۇپىسى قۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، رويخەتكە ئالدۇرۇش، مەلۇم قىلدۇرۇش، قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاشقا تەشكىللىدى. نۆۋەتتە بۇ سۇپىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 2000دىن ئېشىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارمۇ ئىدىيەسىنى پائال ئۆزگەرتىپ، تور «بۇلۇت سۇپىسى»دىن تولۇق پايدىلىنىپ تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ جۇڭميەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى باش نازارەتچىسى جاڭ لېي مۇنداق بىلدۈردى: «بوشلۇق قوش تاللاش سۇپىسى»دا سىرتقا چىقمايلا قىسقىچە تەرجىمىھالغا ئېرىشكىلى، ياخشىلىرىنى تاللاش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلغىلى بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بار.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەردە 89 مىڭ 300 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئالاقىدار چارىلەرنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن توردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ بازىرىنى پائال تەشكىللەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، جىسمانىي مېيىپلەر بار ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» بويىچە تۈرگە ئايرىپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ