تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30دىن ئارتۇق كارخانا «بىلىم مۈلۈك»ىنى «كاپىتال»غا ئايلاندۇردى

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنىگە قويۇلۇپ 1 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30دىن ئارتۇق كارخانا «بىلىم مۈلۈك»ىنى «كاپىتال»غا ئايلاندۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ: «بانكا تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك 100 مىليون يۈەنلىك ئىناۋەتكە ئېرىشىش، بۇ شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئېنىقكى، <دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر>دۇر.» 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى بەي جۈنچاۋ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە، بۇ كارخانا «جيۇشېڭخې» يۈرۈشلۈك تاۋار ماركىسى ۋە يەتتە تۈرلۈك پاتېنتنى بىرىكتۈرۈپ رەنىگە قويۇش ئارقىلىق «بىلىم مۈلۈك»ىنى «كاپىتال»غا ئايلاندۇردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆپلىگەن كارخانا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ لۈسەي سۇ تېجەش پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 5 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى، شىنجاڭ جۈنشىن خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 23 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى.

«كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، مەركىزىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ شەنجيۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تەدبىرلەر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يېشىل مۇلازىمەت يولىنى ئېچىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىش، كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتكە ئاساسەن، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتىلغان پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى توپلاش ۋە تەشۋىق قىلىش - تەربىيەلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى ھەم بانكىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدىغان «شىنجاڭنى بىلگۈچى» مەخسۇس تۈر پۇل مۇئامىلە كەسپىنى تەسىس قىلىشىنى ماسلاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەنە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە تەربىيەلەش، مەسلىھەت بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، پاتېنت يول باشلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى قىممەتلىك پاتېنت ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك كۇرسلۇق ماركىنى پائال قېزىپ، يېتىشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى.

قاراماي بودا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چىن خەيجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر، بىز كارخانا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئۈچ قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنت ئارقىلىق، بانكىدىن 35 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان كارخانا تەرەققىياتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدۇق. مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى پۇقراۋى كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا يېتەرلىك غەيرىتىمىز بار».

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017 - يىلىدىن بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 30دىن ئارتۇق كارخانا 100گە يېقىن پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 1 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن. پاتېنتقا تايىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات مەبلىغىگە ئېرىشىشىدىكى يېڭى يول بولۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ