تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق داۋاملاشما تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش ئەسلىگە كەلدى

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن شىن خەۋىرى): 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق داۋاملاشما تۈرلەر %100 ئەسلىگە كەلگەن.

  4- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر كورلا شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق شەھەر مەمۇرىيىتى يول قۇرۇلۇشى تۈرى ـــ لەڭگەر يولىنىڭ ئۇزارتىلما بۆلىكى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، خىزمەت كىيىمى كىيگەن ئىشچىلارنىڭ ماسكا تاقاپ، بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىپ، قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈتۈپ، باشقىچە ئەھۋال يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىش مەيدانىغا تەرتىپلىك كىرىپ مەشۇلاتنى باشلىغانلىقىنى كۆردى. لەڭگەر يولىنىڭ ئۇزارتىلما بۆلىكىدە 3- ئاينىڭ 12- كۈنى قۇرۇلۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بۇ يول شەھەرنىڭ غول يولى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2600 مېتىر كېلىدۇ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى تەسىس قىلىنغان، قۇرۇلۇش مەزمۇنى ئاساسەن يول ۋە يول ئاستىدىكى سۇ چىقىرىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، كۆكەرتىش ۋە يول چىرىقى قاتارلىق يانداش قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بايىنغولىن ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق داۋاملاشما تۈردىن 84ى، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈردىن 67سى پىلانلانغان، 4- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، 84 نۇقتىلىق داۋاملاشما تۈرنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش ئەسلىگە كېلىپ، ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %100 يەتكەن؛ پۈتۈن ئوبلاستنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى داۋاملاشما قۇرۇلۇش ۋە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلىغى 14 مىليارد 620 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ يىل 6 مىليارد 760 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. كېيىنكى قەدەمدە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى سىستېمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كەسىپ تۈر قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، تۈرنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ