تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، قاراماي شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) يۈەنجىڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەۋەلىك رايوندىكى 30دىن ئارتۇق كارخانىنى تەشكىللەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆگىنىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى مىن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىمىز تەۋەلىك رايوندىكى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۆي-ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش قاتارلىق ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردۇق.»
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىزمەت ئەترىتى ئۈندىدار توپى، QQ توپى ئارقىلىق، كارخانىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كارخانا ئىشچىلىرىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.