تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ليەنئوۋنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  ليەنئوۋنىڭ ئاساسلىق ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بار:

  1. ليەنئوۋنىڭ كاربون سۇ بىرىكمە مىقدارى يۇقىرى. بولۇپمۇ كىراخمال تەركىبى ئادەتتە %10~%20 ئارىلىقىدا بولىدۇ. ليەنئوۋنىڭ تەمى، بولۇپمۇ پىشقاندىن كېيىنكى يېپىشقاق تەمى كراخمال مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  2 . ۋىتامىن C(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ VC دېيىلدى) تەركىبى مول. 100 گىرام ليەنئوۋنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 44 مىللىگرام ئەتراپىدا VC بار، ئۇ ئاق رەڭلىك كۆكتاتلار ئىچىدە بىر قەدەر مول. كۆكتات تۈرى بىر قەدەر ئاز بولغان سوغۇق قىش پەسلىدە، ليەنئوۋ يېيىش كىشىلەرنىڭ مول VC تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

  3. ليەنئوۋنىڭ يەنە كالتىسىي مىقدارى بىر قەدەر مول . 100 گىرام ليەنئوۋدىكى كالتىسىي مىقدارى تەخمىنەن 40 مىللىگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، گەرچە كالا سۈتىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما كۆكتاتلار ئىچىدە كالتىسىي مىقدارى خېلى مول ھېسابلىنىدۇ.

  ليەنئوۋنى قانداق تاللاش كېرەك

  ئېيتىلىشىچە، ليەنئوۋ تاللاشتا ئۈستىدىكى تۆشۈكىگە قاراپ تاللايدىغان بىر خىل ئۇسۇل بار ئىكەن: يەتتە تۆشۈكلۈك ليەنئوۋ يېپىشقاق، توققۇز تۆشۈكلۈك ليەنئوۋ چۈرۈك بولۇپ، شۇڭا ئالدىنقىسى شورپا قاينىتىشقا، كېيىنكىسى سوغۇق سەي قىلىشقا ماس كېلىدىكەن.

  ئەمەلىيەتتە، بۇنداق دېيىشنىڭ ئاساسى يوق. ليەنئوۋنىڭ تەم سۈپىتى ۋە تاماققا ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى ئاساسلىقى ئۇنىڭ سورتى، ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ مۇھىتى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى، پىشىش دەرىجىسى ۋە ساپلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا تۆشۈك سانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

  ليەنئوۋنى قويۇپ قويسا قارىداپ كېتىشى ئوكسىدلىنىشتىن بولىدۇ.

  ليەنئوۋنى ئۆيگە ئەكىلىپ، پاكىز يۇيۇپ، توغرىغاندىن كېيىنكى ليەنئوۋ ئاپئاق، پاكىز بولىدۇ، ئەمما بىردەمدىن كېيىنلا قارىداپ كېتىدۇ؛ بولۇپمۇ تۆمۈر قازاندا قورۇغاندا، تېخىمۇ قارىداپ كېتىدۇ.

  بۇنداق ليەنئوۋدا مەسىلە بارمۇ-يوق، يەنە يېگىلى بولامدۇ ؟ ليەنئوۋ لاي-لاتقىدىمۇ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ دېيىلىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ھاۋادا شۇنچە ئاسان قارىداپ كېتىدۇ؟

  ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، ليەنئوۋنىڭ قارىداپ كېتىشى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى پولىفېنول تۈرىدىكى خىمىيەلىك ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  بۇ ئىككى خىل كىشى ليەنئوۋ يېگەندە دىققەت قىلىشى كېرەك

  1. ئورۇقلىماقچى بولغانلار

    بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنى ئويلاۋاتقانلار، ئورۇقلىماقچى بولغانلار ليەنئوۋ يېگەندە يېمەكلىكلەرنىڭ ئالمىشىشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، ليەنئوۋ يېگەندە باشقا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، موما بىلەن گۈرۈچ تامىقىنى ئاز يېيىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.

  2. «ئۈچ يۇقىرى» كىشىلەر توپى

    قان شېكىرى يۇقىرى، دىئابېت كېسىلى بارلار  ليەنئوۋ يېگەندە موما، گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك، كىراخمالنىڭ كۆپ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ.

  ئەلۋەتتە، ليەنئوۋ يېگەندە مايدا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاز قوللىنىش كېرەك، ماي كۆپ بولۇپ كەتسە سالامەتلىككە زىيانلىق.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ