جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى ئاقتاش بازىرىدىكى سانائەت باغچىسىدا ئىشلەۋاتقان مامۇت تاشمەت ۋە ئايالى ئامىنە غوجى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتىنى ھەيدەپ زاۋۇتقا يېقىن جايدىكى ئۆيىگە چۈشلۈك تاماققا ماڭدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاقتاش بازىرى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش-ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى بولۇپ، تاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 14 مىڭ نامرات ئاھالە بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقانىدى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مامۇت تاشمەت ۋە ئايالى ئامىنە خوجى بالىلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ، سۇ، توك، پار ھەممىسى ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيگە كىردى. بۈگۈنكى كۈندە ئىككىيلەن بازاردىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان سانائەت باغچىسىغا ئىشقا چۈشتى، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. (جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرى ليۇ شىن خەۋىرى)
شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسى: نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش-ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدىكى ئاھالىلەر يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى
مۇھەررىر :
توخنىياز ئىسمائىل
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/04/22 18:05
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.