تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جاڭ لياڭ: يالقۇنلۇق دېڭىزدىكى مەڭگۈلۈك ھايات

جاڭ لياڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار لى جېڭ، گو شياڭ) 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، داليەندىكى «7.16» زور ئوت ئاپىتى قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا ئۇدا 86 سائەت كۈرەش قىلغان جاڭ لياڭنى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن غايەت زور دېڭىز دولقۇنى يۇتۇۋېلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. يالقۇنلۇق دېڭىزدا ئۇنىڭ ھاياتى 25 ياشتا مەڭگۈلۈك توختاپ قالغان.

جاڭ لياڭ، 1985 - يىلى تۇغۇلغان، ھايات چېغىدا داليەن ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى ئۇرۇش ئارقا سەپ كاپالىتى چوڭ ئەترىتى 3 - بەنىنىڭ بەنجاڭى بولغان. 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 18دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، داليەن شەھىرى داگۇشەن شىنگاڭ پىرىستانى باجدىن خالىي رايونىدىكى ماي باكى تۇرۇبا لىنىيەسى پارتلاپ كېتىپ ئوت كەتكەن، پورت رايونىدا قىسمەن ماي باكى، دى مېتىل بېنزول قاتارلىق خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار بار بولۇپ، باك رايونىغا ئۈزلۈكسىز ئوت ئېقىنى قىستاپ كەلگەن، كونتروللۇقنى يوقاتسىلا، پۈتكۈل باك رايونى ھەتتا تەرەققىيات رايونىنىڭ ھەممىسىگە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئاپەت ئېلىپ كېلەتتى.

نېفىت خىمىيە سانائىتى ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەش، ئۆچۈرۈشتە ئەڭ مۇھىم نۇقتا جەزمەن يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش دورىسىنىڭ بولۇشىدۇر. جاڭ لياڭنىڭ مەسئۇل بولىدىغىنى پۈتكۈل ئوت مەيدانىنىڭ ئەڭ ئاساسى، ئەڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇپ، ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىشنى مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ بىلەن تەمىنلەشتۇر.

ئوت كەتكەن جاينىڭ مۇھىتى ئىنتايىن خەتەرلىك، ئىنتايىن مۇرەككەپ ئەھۋالدا، بەنجاڭ جاڭ لياڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش خادىملىرىنى باشلاپ، داليەن شىنگاڭ كوچىسى نەنخەيتۈن نەنخەي پىرىستانىنى ئىگىلەپ، تېزلىكتە لەيلىمە كېمە پومپىسىنى جايلاشتۇرۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى ياتقۇزغان. قىسقىغىنا 40 مىنۇتتا، ئىككى كىلومېتىرغا يېقىن سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ بولۇنغان، مىنۇتىغا 8000 لېتىرلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئوت ئۆچۈرۈش بىرىنچى سېپىنى يېتەرلىك «ئوق - دورا» بىلەن تەمىنلىگەن.

خام نېفىت دېڭىز يۈزىگە ئېقىپ كەتكەنلىكتىن، لەيلىمە كېمە پومپىسى دېڭىز سۈيىنى تارتىپ چىقىرىش جەريانىدا، زور مىقداردىكى ماي داغلىرى، دېڭىز چۆپلىرىنىمۇ سۈزۈش قاپقىقىغا يېپىشتۇرۇۋالغان، ئەگەر سۈزۈش قاپقىقى ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇپ قالسا، سۇ تارتىپ چىقىرىش مىقدارى ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالدىنقى سەپنى ئۈزلۈكسىز سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاڭ لياڭ ھەر سائەتتە بىر قېتىم سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، سۈزۈش قاپقىقىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىغان، ھەر قېتىم تازىلاش ئاخىرلىشىپ قىرغاققا چىققاندا، جاڭ لياڭ خۇددى «مايلىق چاپان» كىيىۋالغاندەك بولۇپ كەتكەن. 400 جىڭ كېلىدىغان لەيلىمە كېمە پومپىسىنى قولىدا قايتا - قايتا تازىلىغان، دۈمبىسىنى ئۆتكۈر خادا تاشلار تىلىۋەتكەن، دېڭىز سۈيى ئۇنىڭ جاراھىتىنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېچىشتۇرغان، جاڭ لياڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى يەنىلا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەن.

7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 9دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، نەق مەيداندىكى بارلىق ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، جاڭ لياڭ يىراق مۇساپىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەترىتىدە كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغان. ئۇ ھەر قېتىم ئەخلەتلەرنى يېرىم سائەتكە يېقىن تازىلايتتى، يەنە تېخى ھەر سائەتتە بىر قېتىم سۇغا سەكرەپ چۈشەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈسكۈنە، تۇرۇبا يوللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىشقىمۇ خېلى كۆپ ۋاقىت كېتەتتى. 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتىن 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچكىچە، جاڭ لياڭ پۇرسەت بولسىلا ئازراق مۈگدۈۋالاتتى، ھەر قېتىم مۈگدۈۋالغان ۋاقتى 15 مىنۇتقىمۇ يەتمەيتتى.

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 19دا، باش قوماندانلىق ئىشتابى ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، بارلىق يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىشنى قارار قىلغان. جاڭ لياڭ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ، يىراق مۇساپىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى باك رايونى ئىچىگە ياتقۇزۇپ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بىر قېتىمدىلا جەڭنى تۈگەتمەكچى بولغان. 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 21دىن باشلاپ، جاڭ لياڭ ۋە سەپداشلىرى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى قايتىدىن ياتقۇزۇشقا باشلىغان، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سەھەر سائەت 2 بولغاندا، ئۇلار ئاندىن دېڭىز قىرغىقىدىكى بازىغا قايتىپ ئارام ئالغان.

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سەھەردە، دېڭىز يۈزىدىكى شامال كۈچى سەككىز - توققۇز بالغا يەتكەن ئەھۋالدا، جاڭ لياڭ ئالدىنقى سەپنى ئۈزلۈكسىز سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆز بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، بىخەتەرلىك تانىسى بىلەن بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ پولات ئارغامچىسىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم سۇغا چۈشۈپ لەيلىمە كېمە پومپىسىنى تازىلىغان. دېڭىز يۈزىدە تۇيۇقسىز غايەت زور دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنى يۇتۇۋالغان، جاڭ لياڭ بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 20دىن 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشكىچە، پۈتكۈل ئوت ئۆچۈرۈش جېڭىدە، جاڭ لياڭ مەسئۇل بولغان ئۇرۇش ئارقا سەپ كاپالەت چوڭ ئەترىتى يىراق مۇساپىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش شۆبە ئەترىتى ئوت كەتكەن نەق مەيداننى ئۈزلۈكسىز تۈردە 40 مىڭ توننىدىن ئارتۇق دېڭىز سۈيى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ، ئاپەت نەق مەيدانىغا ئىشلىتىلگەن سۇ مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى غەلىبىلىك بىر تەرەپ قىلىشتا ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينىغان.

جاڭ لياڭ قۇربان بولغاندا ئاران 25 ياشتا ئىدى، ھەربىي سەپكە كىرگىنىگە يەتتە يىل بولغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم يۇقىرىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن، كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر ئەسكەر بولۇپ باھالانغان، جەمئىي 900 قېتىمدىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش جېڭىگە قاتنىشىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.

2008 - يىلى ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە لياۋنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، جاڭ لياڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقتىن، تەشكىلنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئۇ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپىدە ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ