تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭدىكى «تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇز»غا يوشۇرۇنغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەخپىيىتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جىڭخەي، خۇ گوكەي خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۇڭ شۇاڭشۇاڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى دۇڭ يۆچياڭ پارنىكتىكى تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلارنى ئوغۇتلاش، تاۋۇز پېلىكى جازىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. پارنىكتىكى 1200 تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن بۇ تاۋۇزلارنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزگىچە تەشتەك مەنزىرىسى ھاسىل قىلدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىدىغان مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى.

  پارنىكتىكى تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلار ياخشى ئۆسمەكتە.

  تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى دۇڭ يۆچياڭنىڭ سەككىز يىللىق تاۋۇز تېرىش تەجرىبىسى بار. شۇ جايدا، ئۇ تېرىغان «سۈتلۈك تاۋۇز»نىڭ ناھايىتى داڭقى بار. مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، «سۈتلۈك تاۋۇز» يېگەندە سۈت پۇرىقى بار تاۋۇز بولماستىن، بەلكى ئوغۇت ئېچىتىش جەريانىدا سۈت، كالا ۋە قوي تېزىكى، ئېچىتقۇچى باكتېرىيە قاتارلىقلار قوشۇلغان تاۋۇزنى كۆرسىتىدىكەن، بۇنداق قىلغاندا ئوغۇت سۇيۇقلۇقى تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك، تاۋۇز سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، تەمى تېخىمۇ تەملىك بولىدىكەن. 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، دۇڭ يۆچياڭ 20 تەشتەككە تاۋۇز تېرىپ سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرگەن، تەجرىبە ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىك بولمىغاچقا، پەقەت 15 تەشتەكلا تاۋۇز ئۆسكەن.

  دۇڭ يۆچياڭ(سولدا) تاۋۇز پېلىكى جازىسىنى مۇقىملاشتۇرماقتا.

  «بىر نەچچە يىلدا، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىزدەك تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى كۆپ قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. 2019-يىلى 9-ئايدا، توقسۇن ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى بىزنى خۇنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، شۇ جايدىكى پارنىكتا تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، ھەم تاماشا قىلغىلى ھەم يېگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. مەن تەجرىبە ئۆگىنىپ كېلىپ، ئىزچىل تەشتەكتە تاۋۇز تېرىش تەييارلىقىنى قىلدىم.» 2019-يىلى 2-ئايدا، 1200 تەشتەككە تېرىلغان تاۋۇز دۇڭ يۆچياڭنىڭ پارنىكىدا رەسمىي ئۆستۈرۈلدى، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە پىشىپ بازارغا سېلىنىدىكەن.

  يەردە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزغا ئوخشىمايدىغىنى، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان تاۋۇز «ئورىكى»نىڭ ئېگىزلىكى 35 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر بولۇپ، 80 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى پېلەك جازىسىنى قوشقاندا، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان ھەر بىر تۈپ تاۋۇزنىڭ ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر ئەتراپىدا بولىدىكەن. تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان تاۋۇزنىڭ «ئورنى» گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۆسۈشكە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق كەم بولسا بولمايدىكەن. تەشتەكتە تاۋۇز ئۆستۈرۈش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش مەزگىلىدىن كېيىن، ھەربىر تەشتەكتىن 1.5 كىلوگرامدىن ئىككى كىلوگرامغىچە تاۋۇز پىشىپ يېتىلىدىكەن.

  دۇڭ يۆچياڭ(سولدىن ئىككىنچىسى) ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە تەشتەككە تاۋۇز تېرىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چېن مىن ھەر يىلى دۇڭ يۆچياڭنىڭ «سۈتلۈك تاۋۇز»ىنى زاكاز قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ تېلېفوندا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «مەن دۇڭ ئاكىنىڭ كونا خېرىدارى بولۇپ قالدىم، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇ تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزنى كۆرۈپ، بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن تېتىپ باقماقچى بولدۇم».

  دۇڭ يۆچياڭ تەشتەككە تاۋۇز تېرىغاندىن باشقا، يەنە شوخلا، لازا ۋە چەيزە قاتارلىقلارنى تېرىدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىدا، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇز ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولدى، كۆكتاتلار پىشىپ سېتىلىپ بولدى، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلار 4-ئاينىڭ ئاخىرى پىشىپ بازارغا سېلىنىدىكەن، ھازىر تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزدىن 300 نەچچە تەشتەك زاكاز قىلىنىپ بولغان بولۇپ، تاۋۇز تەشتىكى بىلەن 120 يۈەنگە سېتىلىدىكەن.

  تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇز

  تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزنىڭ سېتىلىش يولىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۇڭ يۆچياڭ ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى پارنىكتا ئىشلەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 15 نامرات ئاھالە دۇڭ يۆچياڭنىڭ پارنىكىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان.

  نەخۇل كەنتىدىكى ئاھالە ئىمىرخان قۇربان مۇشۇ يەردىكى بىر ئىشلەمچى، ئۇ پارنىكتا سائەتلىك ئىشلەپ، ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 يۈەن تاپىدۇ. «دۇڭ يۆچياڭنىڭ پارنىكىدا ئىشلىگەچكە، كىرىمىم ناھايىتى ياخشى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن» دېدى ئىمىرخان كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ