تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۇما ناھىيەسىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى كەڭ دىققەتنى تارتتى

  گۇما غېزى باقمىچىلىق مۇھىتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ شيا خەۋىرى، فوتوسى): «بۇ ئىككى كۈندە يان تېلېفونۇم توختىماي سايرىدى، خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، توشقان، غاز توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغانلار كۆپىيىپلا قالماي، بىز يەنە نۇرغۇن يېڭى بازار ئېھتىياجىنى چۈشەندۇق، ساتقۇچى خادىملار ئېھتىياج ۋە زاكاز ئۇچۇرىنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى» دېدى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ كوئىنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ جېن مۇخبىرغا.

     4-ئاينىڭ 15-كۈنى، تىيانشان تورى قاتارلىق نۇرغۇن تاراتقۇدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن «گۇمىدىكى ياخشى مەھسۇلاتلار دېھقانلارغا ياردەم بېرىشىڭىزنى كۈتمەكتە» تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلار، كارخانىلار بەس-بەستە تېلېفون قىلىپ بۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئورتاق ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋاڭ جېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى يېمەك-ئىچمەك، يېمەكلىك شىركەتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بۇ خەۋەر ئارقىلىق گۇما ناھىيەسىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇپ، تېلېفون ئۇرۇپ مەھسۇلاتلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، نۇرغۇنلىرى زاكاز قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلگىرى بىز ئېلېكتىرونلۇق سودا يول ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىپ باقمىغانىدۇق، بۇ قېتىمقى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى ئالاقىسى ئارقىلىق، ھازىر شىركىتىمىز توردا سېتىش سىستېمىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلگىرىكى 20 توشقان، غاز چوڭ ئورالمىلىق مەھسۇلاتىمىزنى ئوراپ قاچىلاش ئاساسىدا، بىر، ئىككى كىچىك ئورالمىلىق مەھسۇلاتنى كۆپەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ پارچە سېتىشىغا قولايلىق ياراتماقچى بولۇۋاتىدۇ».

  گۇما توشقىنى باقمىچىلىق مۇھىتى

  جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى گۇما ناھىيەسىدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ يانچۇقىنىڭ تومپىيىشىدىن دېرەك بەردى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەندىلا، گۇما ناھىيەسىدىكى ياخشى مەھسۇلاتلارنىڭ نامى بارغانسېرى كېڭيىپ، سېتىلىش مىقدارى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەنخاۋ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدىكى شۈ ئەپەندىمۇ خەۋەردە ئېلان قىلىنغان دېھقانلارغا ياردەم بېرىش تېلېفونى ئارقىلىق مەسلىھەت سورىدى، ئۇ گۇما غازىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۆزلىرىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ئېھتىياجىغا ماس كەلسە، كېيىنكى مەزگىلدە ئۇزۇن مۇددەت نۇقتىلىق سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گۇما ناھىيەسى بۇ يىل 6 مىليون غاز، 9 مىليون توشقان، 18 مىڭ ئېشەك، 180 مىڭ قوي، 15 مىليون خالتا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىپ، 28 مىڭ نامرات ئائىلىنى قاپلاپ، كەسىپ ئارقىلىق «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى پىلانلىدى. جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپ كۈچلەرنىڭ قوشۇلۇشىغا، ئومۇمىي خەلقنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىغا تەقەززامىز! (دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 2336742-0991)

گۇما توشقىنى باقمىچىلىق مۇھىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى