تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ 3 مىليارد 416 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان، بۇ يىل 2 - ئايدىن 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى جەمئىي 3 مىليارد 416 مىليون يۈەن كېمەيتىلىپ، كەچۈرۈم قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 100 مىڭ 200 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا نەپ يەتكۈزۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 2020 - يىلى 2 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمىنى كەچۈرۈم قىلغان؛ 2020 - يىلى 2 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ يىغقان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ جەمئىي 2 مىليارد 670 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ 746 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان. «بىر ئايدا 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى، بۇ بىزدەك كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا نىسبەتەن كىچىك سان ئەمەس.» 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شىنجاڭ باي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئەبەيدۇللا ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، شىركەتنىڭ يۈكى يېنىكلىدى، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدۇق.

بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن كارخانىلار كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى پىرىنسىپ جەھەتتە ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدە كېچىكتۈرۈش پۇلى يىغىش كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى جەمئىي 1094 قىيىنچىلىقى بار كارخانىنىڭ 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان، چېتىشلىق كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچى 130 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى سۈن جەنشۆنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچەپ، كارخانىلارنىڭ ۋاقتىدا نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان مەزگىلدە، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەخسىي ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ