تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر» «ئېتىز زىيالىيلىرى» ئېتىز - ئېرىقلارنى جانلاندۇردى

يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى

«يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر» «ئېتىز زىيالىيلىرى» ئېتىز - ئېرىقلارنى جانلاندۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن خەۋەر قىلىدۇ: «ياڭاق دەرىخى يېڭىدىن چىقارغان ئاتىلىق بىخ ئانىلىق بىخقا قارىغاندا ئوزۇقلۇقنى تېز سۈمۈرىدۇ، كۆپ سۈمۈرىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە ئاتىلىق بىخنى ئېلىۋېتىش كېرەك.» 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى ياڭاق يېڭى كەنتىدىكى باغۋەن چېن كەييىنىڭ ياڭاقلىقىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «يەرلىك مۇتەخەسسىس» شياۋ خۇڭبىڭ چېن كەييىگە بىخنى ئېلىۋېتىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگىتىۋاتاتتى.

باغ - ئورمان تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىدىغان ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، ھەممە كەنتتە دېگۈدەك باغ - ئورمان بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى كەنتلەردە، ھەتتا ھەرقايسى كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىلىرىدا شياۋ خۇڭبىڭغا ئوخشاش باغ - ئورمان «يەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى» بار. ئۇلار ئەسلىدە كەنتتىكى باغ - ئورمان تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مول ئىلمىي ئۆستۈرۈش ۋە پەرۋىش تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، بۇ تەجرىبىلەرنى ئەتراپتىكى يۇرتداشلارغا يەتكۈزدى.

كېۋەز، كۆكتات قاتارلىق باشقا تېرىقچىلىق ساھەلىرىدىمۇ شۇنداق بولدى. بۇ ئىككى كۈندە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى ئۇرۇقچىلىق يۇقارقى چوغتال كەنتىدىكى پارنىكتا، شۇ جايدىكى كۆكتاتچىلار «ئېتىز زىيالىيسى» دەپ ئاتىشىدىغان چېن لىنشيەن ئالاھىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كۆكتاتچىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسى كۆچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كۆكتاتچىلارنىڭ كۆچۈرۈش، تېرىش تېخنىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆكتاتچىلارنىڭ مەھسۇلاتنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا(بازار)، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىنىڭ تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئۆمىكى قۇرۇپ، نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈش، دەرسخانىدا تەربىيەلەش، شۇنداقلا بىرى بىرگە، بىرى كۆپكە يېتەكچىلىك قىلىش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشى، ئۇلاقچىلىق، چاتاش، سۇ باشقۇرۇش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېتىز بېشىدا تىنىم تاپماي ئىشلەۋاتقان 10 مىڭغا يېقىن «يەرلىك مۇتەخەسسىس» «ئېتىز زىيالىيسى» يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئۆمىكىدىكى غوللۇق كۈچكە ئايلىنىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەقىل كۆرسىتىپ، تېخنىكا يەتكۈزۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي ياردەم بەرگەن.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى سىڭگىم يېزىسى سىڭگىم كەنتىدە، «يەرلىك مۇتەخەسسىس» جاپپار ئىسمائىل نەق مەيداندا قوشنىلىرىغا ئۈزۈم تېلىنى چاتاش - پۇتاش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. بۇ ئىككى يىلدا، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى داۋامىدا، كەڭ ئۈزۈمچىلىك ئائىلىلىرىنى باغنى ئۆزگەرتىش، تالنى ئۆزگەرتىش، باراڭنى ئۆزگەرتىش، چېچەكنى تىزگىنلەش، مېۋىنى تىزگىنلەشكە يېتەكلەپ، ئوراش - قاچىلاش تېخنىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ھەم بىر تۈركۈم دېھقان تېخنىكلارنى تاللاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى، ياردەم تولۇقلىمىسى ھەم مۇكاپاتلاش - جازالاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويدى. بۇ يىل، تۇرپان شەھىرى ھەربىر ئۈزۈم ئۆستۈرگەن كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىدا ئاز دېگەندە بىر دېھقان تېخنىكنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى جەھەتتە قوللاش بىلەن تەمىنلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىدۇ، بۇ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىملىرىنى تولۇقلاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش؛ ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىملىرىنى بىلىمنى يېڭىلاش جەھەتتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىملىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىملىرى كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، رايونغا ئايرىپ، سورتقا ئايرىپ، پەسىلگە ئايرىپ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پىلانىنى تۈزۈپ، «پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئائىلىلەرگىچە بېرىش، تېخنىكا ئادەمگىچە يەتكۈزۈلۈش، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇللارنى ئېتىزلارغىچە يەتكۈزۈش، قوتانلارغا كىرگۈزۈش» مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي سورت ۋە ئاساسىي كېڭەيتىش تېخنىكىسىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى ۋە نەقلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش؛ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى