تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرقايسى جايلار مائارىپ نۇقتىلىق تۈرلىرىدە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز يې سۈي، ياڭ جىڭيى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۈندىلىك مائارىپ ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، مائارىپ نۇقتىلىق تۈرلىرىدە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا مۇددەتكە بۆلۈپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىپ، 2020 - يىللىق مائارىپ ساھەسىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش سۈرئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك 18 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشى ئورنىدا، ئىشچىلار بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئاساسىي گەۋدە رامكىسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتاتتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى توڭشېڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نەق مەيدان تېخنىكا مەسئۇلى ئوۋ جيەنيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، شىركەت خادىملارنى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، سۈرئەتنى تېزلىتىشكە پائال تەشكىللىدى. نۆۋەتتە 30 نەچچە ئىشچى ئىش ئورنىغا كەلدى، كېيىنكى مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ ئىشچى قوبۇل قىلىپ، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈر قۇرۇلۇشىنى سۈپەت ۋە سانغا كاپالەتلىك قىلىپ تاماملاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل غۇلجا شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈردىن جەمئىي 17سى بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 180 مىليون يۈەن ئىكەن، نۆۋەتتە داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلىنىۋېتىپتۇ.

«12 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قومۇل شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەم ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش تۈرىدە ئۈسكۈنىلەر قۇراشتۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ 12 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قومۇل شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە، بۇ يىل نۇقتىلىق ھالدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان زال ئىچى مەشىق مەيدانى ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش، مەكتەپ ھويلىسىغا كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش تاماملىنىدۇ.» قومۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پىلان - مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ما فۇچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قومۇل شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈر 21 بولۇپ، نۆۋەتتە قىسمەن تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاندى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قومۇل شەھىرىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۈنۈمنى ئىمكانقەدەر تېز جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قومۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىمكانقەدەر تېز ئىشنى باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، مائارىپ ساھەسىدە ئىش باشلانغان، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۈر 18 بولۇپ، ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %100كە يېتىپ، 34 مەكتەپنى قاپلىدى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى مائارىپ تۈرلىرىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇ يىل ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئىش تۈرىدىكى 13 مائارىپ تۈرىدە 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىپ، قۇرۇلۇش باشلاش باسقۇچىغا كىردى، يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. ئىگىلىنىشىچە، شەھەرگە قاراشلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرى بولۇش سۈپىتىدە، جەمئىي 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قۇرۇلۇش مەزمۇنى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا، تەنھەرىكەت مەيدانى ھەم قوشۇمچە قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى ۋە شەھەر - يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ