شۈ چىڭگۇاڭ
4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر جەمئىي 4536، ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى جەمئىي 2188 ئىكەن. مۇشۇنداق كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش مەبلىغى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئارقىسىدىكىسى پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇش، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادە، سۈرئەتنى تېزلىتىش، يېڭى كەيپىيات يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت.
تۈرنى تۇتقانلىق − تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تۈرنى كۆزلىگەنلىك − كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. تۈر قۇرۇلۇشى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا، كونا - يېڭى ئېنېرگىيەنى ئالماشتۇرۇش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم موتورى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ، ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ، يەنە تىرىشىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش كېرەك، بۇ بىزدىن چوقۇم مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، نۇقتىلىق تۇتۇشتەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تۇرغۇزۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەھمىيىتى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا. 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2542 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %56 بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىشتەك بۇ خىل روھىي ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ جەڭ مەيدانى قىلىش بىلەن بىللە، يەنە كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، ئىستىلىنى سىنايدىغان ئىمتىھان مەيدانى قىلىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش زۆرۈر، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، بىخەتەرلىك ۋە سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قولدىن كەتكەن ۋاقىتنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تولۇقلاپ، تەسىر يەتكەن قۇرۇلۇش مۇددىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم زور تۈرلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى : xjrbplb@126.com)