تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۇرچىن ناھىيەسى: ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش «شېرىن» چۈشىنى روياپقا چىقاردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لو ياڭشۆ، ۋېي پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىنى پائال كىرگۈزۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى كىچىك ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىنى چوڭ كەسىپ قاتارىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ باي بولۇشتەك «شېرىن» چۈشىنى روياپقا چىقاردى.

  4-ئاينىڭ 14-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى چوڭقۇر يېزىسى ئاقئايرىق كەنتىدە كەنت ئاھالىسى ئارغىنبېك ئاڭساغان ھەسەل ھەرىلىرىگە قارىتا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولدى، ئۇنىڭ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق بازىسىدا 50 ھەرە ساندۇقى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان ھەسەل ھەرىلىرى ھەرە ساندۇقى ئەتراپىدا كىرىپ-چىقىپ غوڭۇلداپ يۈرەتتى. ھازىر بۇ ئالدىراش ھەسەل ھەرىلىرى ئارغىنبېك ئاڭساغاننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئەڭگۈشتەرى بولۇپ قالدى.

  ئىلگىرى ئاتا-ئانىسى ئۇزۇن يىللار كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاچقا، ئارغىنبېك ئاڭساغاننىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئازغىنە چارۋىلىرىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ھازىر ئۇ بېيىش يولىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بىر ھەسەل ھەرىسى باققۇچىغا ئايلاندى.

  «ئەسلىدە مەن ئەنئەنىۋى چارۋا بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن ئىدىم، ئائىلىمىزنىڭ يەتتە-سەككىز كالىدىن قىلغان يىللىق كىرىمى 10 يۈەندىن ئاشمايتتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتىمىزنىڭ يېقىن ئەتراپتا تاغ ئورمانلىرى كۆپ، تاغ گۈلى ھەسىلى مەنبەسى يېتەرلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىنى قانات يايدۇردۇم. ھەسەلنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، دائىم ھەسەل يىغىشقا باشلىماي تۇرۇپلا ھەسەلنى سېتىپ تۈگىتىپ بولىمەن.» دېدى ئارغىنبېك ئاڭساغان.

  دەسلەپتە ھەسەل ھەرىسى بېقىشنى باشلىغان چاغدا، كەسپىي ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، ئارغىنبېك ئاڭساغان زور كۈچ سەرپ قىلىپ باققان ھەسەل ھەرىلىرى ئۆلۈپ كېتىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئاز بولۇپ قېلىپ، ئۇ ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «ھەسەل ھەرىسى بېقىش مۇتەخەسسىسى»نى تەكلىپ قىلىپ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇلتۇرغا قەدەر، ئارغىنبېك ئاڭساغان بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ھەسەل ھەرىسى بېقىش ماھارىتىنى ھازىرلىدى، ئۇ يەنە ئىلىدىن شىرنە يىغىش ئىقتىدارى ۋە سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان شىنجاڭ قارا ھەرىسىنى كىرگۈزۈپ بېقىپ، باقمىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى. ئارغىنبېك ئاڭساغان بىر ئاددى «چارۋىچى»دىن «ھەسەل ھەرىسى باققۇچى»غا بولۇشقىچە بولغان بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى.

  قولىدىكى قامچىسىنى تاشلاپ ھەسەل ھەرىسى بېقىشقىچە بولغان جەرياندا، ئوخشاش يايلاق ئارغىنبېك ئاڭساغان ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزگىچە تۇرمۇش بېغىشلىدى. كىچىككىنە ھەسەل ھەرىسى ئارغىنبېك ئاڭساغاننىڭ «شېرىن كەسپى»نى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ھەرە ساندۇقى «يېشىل رەڭلىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى»غا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش «شېرىن» چۈشىنى روياپقا چىقاردى.

  «شېرىن كەسىپ پۈتۈنلەي جان تىكىپ ئىشلەشكە باغلىق، كېيىنكى قەدەمدە، مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مەھسۇلاتنىڭ ئوراپ قاچىلىنىشى ۋە تۈرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، تور سۇپىسى ئارقىلىق تور ۋە تور سىرتىنى تۇتاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى كېڭەيتىشنى پىلانلىدۇق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارنىڭ ھەسەل ھەرىسى بېقىپ بېيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» ئاقئايرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جانارىس سېرىك مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  نامرات ئائىلىلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇققاندا يۆلەنچۈكى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى «قان بېرىش» ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى «قان ئىشلەش» شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەشكە ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئۆز قولىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىنى تېپىشقا يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى