تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ياڭ شو، ئىختىيارىي مۇخبىر لى شياۋپەن خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى ئىش ئورنى تەسىس قىلىش ئېھتىياجى بىلەن، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورنىدىن 300نى ئاچقان. تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، 250 كىشى (نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىدىن 208 كىشى، چەت-ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىدىن 42 كىشى) ئىش ئورنىغا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر كۆكەرتىش ئىشچىسىدىن 156 كىشى، مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىدىن 94 كىشى بار بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى كېڭەيتىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەزكۇر ئىدارە كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا دەل جايىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر ۋە چەت-ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىر ئادەمنى تەربىيەلەپ، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.
«بىزنىڭ تەربىيەلىشىمىز ئاساسلىقى قانۇن بىلىملىرى، ئىشلەمچىلەر ساۋاتلىرى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» لى يەننىڭ دېيىشىچە، تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەربىيەلەشكە قاتناشقانلار ئىش ئورنىغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ھەمدە ھۆكۈمەت ھەقسىز ئاممىۋى ئىجارە ئۆي بىلەن تەمىنلەپ، ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سەپلەپ بېرىدىكەن.