تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خېجىڭ ناھىيەسى: 300 مىڭ دانە «قارا جىنگاڭ» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى

  4-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاغان ئۇسۇ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئاۋيۈن گېرى(سولدا) كەنتتىكى چۈجە چىقىرىش مەيدانىغا كېلىپ، 100 قارا جىنگاڭ چۈجىسىنى ھەقسىز ئالدى.

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زۇ يەنجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ ۋېيخۇا، سىچىن باتۇ خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇ كەنتىدىكى چۈجە چىقىرىش مەيدانى كەنت ئاھالىلىرىگە قارا جىنگاڭ چۈجىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، بۇ ناھىيەدىكى 300 مىڭ دانە «قارا جىنگاڭ»نىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى تۇنجى قەدىمىنى باشلىدى.

  چاغان ئۇسۇ كەنتىدە 687 ئائىلە 1914 ئادەم بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 646 نامرات ئائىلە 1795 ئادەم بار. بۇ كەنت كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى چەكلىك، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى تار، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە تەسىر يەتكۈزەتتى.

     تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تاللاش ئارقىلىق، بۇ كەنت قارا جىنگاڭ توخۇسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان توخۇ نەسلى قىلىپ بېكىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى، كەنت يىلىغا 40 مىڭ دانە قارا جىنگاڭ چۈجىسى چىقىرىش مەيدانى قۇرۇپ، تۇخۇمدىن چىققان چۈجىلەرنى ئاۋۋال نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.

  «بۇلتۇر مەن ئۈچ ئاي قارا جىنگاڭ چۈجىسىنى بېقىپ، 3000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم» دېدى چاغان ئۇسۇ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئاۋيۈن گېرى.

  خېجىڭ ناھىيەسىدىكى كۆپ قىسىم يېزا-بازارلاردا چۈجە چىقىرىش مەيدانى قۇرۇلدى، بۇ يىل بۇ خىل كۈچ ئۇلاپ بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، ئادەتتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە 300 مىڭ دانە قارا جىنگاڭ چۈجىسى ھەقسىز تارقىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى