تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۇمىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى سىزنىڭ كېلىپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىشىڭىزنى كۈتمەكتە

ماتېرىيال سۈرەت

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شيا خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىدىكى مەخمۇت توختىيار ئەتىگەندىلا ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يەرنى سۇغىرىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۆيىدىكى 150 توشقانغا ئوت-چۆپ بەردى، كېلەر ئايدا بۇ توشقانلارنىڭ 2000 يۈەنگە سېتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇ كۈلۈپ ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

ماتېرىيال سۈرەت

  گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىدە، مەخمۇت توختىيارغا ئوخشاش توشقان بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرغان دېھقانلار كەنتتىكىلەرنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار كۆپ بولغاندا بىر يىلدا 12 مىڭ يۈەن، ئاز بولغاندا 3000 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىقچىلىق قىلىش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  شىنجاڭ كوئىنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، ھازىر مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى، لېكىن يەنىلا بازار كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش شەكلى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نۆۋەتتە، توڭلىتىلغان توشقان گۆشىنىڭ ئايلىق تەمىنلەش مىقدارى 400 توننا، مۇزلىتىلغان يېڭى توشقان گۆشى 400 توننا، غاز گۆشى 200 توننا، ئېشەك گۆشى 50 توننا، قوي گۆشى 100 توننا، مور 150 توننا، خەيشيەنگۇ 240 توننا، شياڭگۇ 300 توننا بولۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنىڭ قوشۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» (دېھقانلارغا ياردەم بېرىش مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 2336742-0991)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى