شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلىگراممىسى (مۇخبىرلار دۇ گاڭ،جوۋ شېڭبىن خەۋىرى) 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ بۇ يىل داۋاملىق قۇرۇلىدىغان 190 نۇقتىلىق تۈرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، جەمئىي 792 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل 221 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، سانائەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى رېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا بۇ يىل جەمئىي 390 نۇقتىلىق تۈر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈر 190، يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىدىغان تۈر 80، تەييارلىق تۈرى 120 ئىكەن.
3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونى بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىدىغان 80 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە، 23 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىدىغان تۈر ئىچىدە 66 تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى%80تىن ئاشىدىكەن.
لى رېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومى قاتارلىق مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.