4-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ تولى ناھىيەسى كۇپ يېزىسى لاڭغۇتلى كەنتى ئوتلاق-چارۋا بىرلەشمە تىجارەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تولى ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان ناھىيە بولۇپ، 2012-يىلى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇشتىكى نۇقتىلىق ناھىيە قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر، ناھىيە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش نۇقتىلىق كەنتلىرىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بارلىق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە-ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى، ئوتلاق- چارۋا بىرلەشمە تىجارەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى، فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، باشباي قويىنى كۆپەيتىش بازىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى بىر تۈركۈم تۈرلەر تولى ناھىيەسىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى