تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توشقان كاتەكلىرى كۆلەملىشىپ كىرىم ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى

دۇڭ چېڭخۇ (سولدا) توشقانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خې خەۋىرى، فوتوسى): «بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ توشقان بېقىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى، شۇڭا بۇ يىل قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 توشقان كاتىكىنى تېزدىن ياخشى سالساق، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى داۋاملىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.» 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى تۇنخې شېكەرچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى قومۇشئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى دۇڭ چېڭخۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توشقان كاتىكى ئالدىدا خىزمەتداشلىرىغا شۇنداق دېدى.

 قومۇشئۆستەڭ كەنتىدە ئادەم كۆپ يەر ئاز، بېيىش ئاساسى ئاجىز، ئۇلى تېيىز. 2017-يىلى 2-ئايدا دۇڭ چېڭخۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى بىلەن كوللېكتىپ كېڭىشىپ، توشقان بېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچىدىن، توشقان بېقىشقا مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، دەۋرلىنىش ۋاقتى قىسقا، كۆپىيىش نىسبىتى يۇقىرى. ئىككىنچىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە كۆلەملەشكەن توشقان بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بار.

 دۇڭ چېڭخۇ كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇرغاندىن كېيىن، شەندۇڭدىكى بىر شىركەتتىن 6000 دانە تاۋار توشقان كىرگۈزۈپ، 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «شىركەت+كوپىراتىپ+نامرات ئائىلە» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كۆلىمى 4500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان گۆش توشقىنى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ كوپىراتىپتا 18 توشقان قوتىنى، 16 مىڭ توشقان كاتىكى بار بولدى.

  قاتتىق دېتال تەق بولدى، بىراق كەنت ئاھالىلىرى «توشقان باقسا زادى پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ باغقان توشقانلارنى سېتىپ چىقارغىلى بولامدۇ؟ كىرىم كاپالىتى بارمۇ؟» دېگەنلەردىن ئەندىشە قىلدى.

 دۇ چېڭخۇ ۋە كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ھارماي-تالماي ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى، «سىلەر يۈرەكلىك ھالدا بېقىڭلار، سېتىش يوللىرىدىن ئەنسىرىمەڭلار...».

 بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 30 نەچچە كەنت ئاھالىسى تىزىمغا ئالدۇردى، دۇڭ چېڭخۇ يەنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تېخنىك خادىملارنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۈچ ئاي نەزەرىيە ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىدى، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى ۋە كوپىراتىپىنىڭ خىزمەت مىقدارىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا 18 كەنت ئاھالىسى تاللىنىپ، «توشقان باققۇچى»غا ئايلاندى.

 كەنت ئاھالىلىرى توشقان كاتەكلىرىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، بېقىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە مائاشقا ئىگە بولدى، توشقاننىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئالىدىغان مائاشىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولدى.

 ئاينۇر ئابلىمىت ئاددى بىر دېھقاندىن تېخنىك خادىمغا ئايلىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، تىرىشچان بولغاچقا يەنە تېخى گۇرۇپپا باشلىقىمۇ بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مەن ئۆيدە يەر تېرىيتتىم، ئاساسلىقى ئېرىم سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇل بىلەن تۇرمۇشىمىزنى قامداپ كەلگەن. مەن كوپىراتىپقا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.»

 ھازىر يېڭىدىن توشقان كاتىكى سېلىش پۈتۈن كەنتتىكى چوڭ ئىش بولۇپ قالدى، دۇڭ چېڭخۇ ھەر كۈنى بىر تەرەپتىن كارخانا بىلەن كېڭىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

 بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىمۇ باشلاندى. كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل ئەركىن باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا مۇقىم مائاش ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلىمايلا، دۇڭ چېڭخۇنى تېپىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلىنىشنى باشلىۋەتتى.

 «ھەر كۈنى بېقىش تەرتىپى، تېخنىكا تەلىپىگە پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇش ۋە ئۇرۇقلاندۇرۇش خاتىرىسىنى تەپسىلىي تۈزۈپ، سۇ، توك، شامال ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرىمىز. پەقەت كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىسەم، كۆپ ئىشلىگەندە كۆپ مائاش ئالالايمەن، ئۈنۈم مائاش ئېلىش يولغا قويۇلسا، ھەر ئايلىق كىرىمىممۇ يامان ئەمەس بولىدۇ» دېدى پاتىگۈل خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى