تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىرلىكتە يازلىق بەسەي تېرىدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى گۇخەي كوچا باشقارمىسى جيۇگۇڭلى مەھەللىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان جاۋ جەنلۇڭ پارنىكتىكى ناھايىتى ياخشى ئۆسكەن يازلىق بەسەيلىرىگە قاراپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىزگە  يېتىشتۈرۈشنى ئۆگەتكەن يېڭى سورتلار ناھايىتى ياخشى ئۆستى، بۇ يىل ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا ھەر مو يەردىن 3000~2000 يۈەن ئارتۇق ساتالايدىغان بولدۇق.

   جيۇگۇڭلى مەھەللىسىدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن پەسىلسىز مېۋە-كۆكتاتلار قاراماي شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئىزچىل ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. جاۋ جەنلۇڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى ئالتە پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ يازلىق بەسەي ۋە كۆك لازا تېرىشنى سىناق قىلىشقا باشلىغانىدى، لېكىن تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن سورت شۇ جاينىڭ تۇپرىقىغا ماس كەلمىگەچكە، پارنىكنىڭ تېمپراتۇرىسىنى كونترول قىلالماي، يازلىق بەسەي مەھسۇلات مىقدارى ئىزچىل يۇقىرى بولمىدى.

   2019-يىلى، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونىدىكى رۇڭخۇي شىركىتىنىڭ كادىرلىرى كەسپىي تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئەلا سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارغا ھاشاراتتىن ساقلىنىش تورى بىلەن پۈتۈن پارنىكنى يېپىپ ئۆستۈرۈشنى ئۆگىتىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارنىك تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، يازلىق بەسەي يوپۇرمىقىنىڭ قورۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

   بۇ يىل ئەتىيازدا يازلىق بەسەي بولۇق ئۆسۈپ، جاۋ جەنلۇڭ مول ھوسۇل ئالدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر جى تيەنتيەن)

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى