تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«بەش چوڭ كەسىپ» 120 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى

گۇمىدا

«بەش چوڭ كەسىپ» 120 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «شىركەتتە ئىشلىسەم مائاش ئالالايمەن، يەنە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنەلەيمەن، مەن ناھايىتى خۇشال» دېدى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئېشەككە يەم - خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت قادىر سەيپۇللا. ئۇ مۇجى بازىرىدىكى ئۆلچەملەشكەن ئېشەك قوتىنى بازىسىدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىپ، تېخنىكلارغا ئەگىشىپ خېلى كۆپ بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، بۈگۈنكى كۈندە ئېيىغا 4000 - 3000 يۈەن تاپالايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى غاز، ئېشەك، توشقان، قوي باقمىچىلىقى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تېرىقچىلىقىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ كەسىپ»نى تۈۋرۈك كەسىپ قىلدى. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە ئىككى باشلامچى كارخانىنى كىرگۈزۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈپ، باشلامچى كەسىپكە تايىنىپ ئومۇمىي كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئىككى باشلامچى كارخانا «ئىككى باشنى تۇتۇش، ئوتتۇرىنى يېتەكلەش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بېقىش، سويۇش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن يېپىق خاراكتېرلىك كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

گۇما ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈەن جىن مۇنداق دېدى: «كارخانا ۋە ھۆكۈمەت ئورتاق مەبلەغ سېلىپ، <كارخانا + دېھقان ئائىلىلىرى> ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، كارخانا تېخنىكا، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلارغا مەسئۇل بولدى، دېھقانلار بېقىش ۋە تېرىشقا مەسئۇل بولدى، بۇنىڭ بىلەن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، بارغانسېرى كۆپ دېھقان ئائىلىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىغا ماڭدى».

كىرگۈزگەن كارخانىلارنى «ئېلىپ قېلىش » ئۈچۈن، گۇما ناھىيەسى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش، سورت يېتىشتۈرۈش جەھەتتە بەلگىلىك ياردەم پۇلى بېرىپ، كارخانىلارنى %50تىن %70كىچە تىرانسپورت خىراجىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ پايدىنى دېھقانلارغا قالدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيە «بەش چوڭ كەسىپ»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 31 مىڭ ئائىلىدىكى 120مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى