تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا تۇنجى قېتىم «بۇغداي بىلەن كېۋەزنى تەڭ تېرىش» ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى

  شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا تۇنجى قېتىم «بۇغداي بىلەن كېۋەزنى تەڭ تېرىش» ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى

       خەلق تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىدە تۇنجى قېتىم «بۇغداي بىلەن كېۋەزنى تەڭ تېرىش» ئەندىزىسى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى ۋە «قوش يۈز جىڭلىق ساپ پاختا ناھىيەسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇنجى قېتىم «بۇغداي بىلەن كېۋەزنى تەڭ تېرىش» ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ يولغا قويغان، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشتىكى ۋاقىت پەرقىدىن پايدىلىنىپ، بۇغداي مايسىسى، كېۋەي مايسىسىنى 10 سانتىمېتىردىن ئايرىپ، ھالرەڭلىك دورىلىق سۇلياۋ يوپۇق ئىشلىتىپ، بىر يوپۇقتا تۆت قۇر كېۋەز ۋە ئىككى قۇر بۇغداي تېرىپ، بۇغداينىڭ تۆۋەن تېمېپېراتۇرىدا تېز ئۆسۈشتەك ئالاھىلىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىنى شامالدىن، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تەبىئىي «شامال مۇداپىئە ئورمىنى» بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇغداي 20 سانتىمېتىر ئۆسكەندە تاللاش خاراكتېرلىك ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسىنى ئىشلەتكەن، يىلتىز سىستېمىسى ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلىنىپ كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە ياردەم بەرگەن. ھازىرغىچە، لوپنۇر ناھىيەسى «بۇغداي بىلەن كېۋەزنى تەڭ تېرىش» ئەندىزىسىنى 25 مىڭ مو يەرگە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرغان.

 لى فېي خەۋىرى، فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى